مۇھەببەتمۇ ؟
ئابلەت 313
كوز قىسسىشىپ كۇرۇشكەنلىك مۇھەببەتمۇ ؟
قول تۇتۇشۇپ يۇرۇشكەنلىك مۇھەببەتمۇ ؟
ۋاپا گۇلى زىمىستاندا خازان بولسا ،
باھار پەيزى سۇرۇشكەنلىك مۇھەببەتمۇ ؟
بەخىت رېڭى ئۇڭۇپ كەتسە يۇرەكلەردىن ،
ساۋاق تاپماي يۇرۇشكەنلىك مۇھەببەتمۇ ؟
< سەنسىز ماڭا ئانام سۇتى زەھەردەك > دەپ ،
تىرىك تۇرۇپ ئۇلۇشكەنلىك مۇھەببەتمۇ ؟
يۇرەك كويدى ، كىمگە كويدى ؟ بىلىشمەستىن ،
«مەن سىنىڭكى» دىيىشكەنلىك مۇھەببەتمۇ ؟
تىل ۋاپادار ، كۇڭۇل ئاسىي كوچىلاردا ،
لەۋ يېقىشىپ سۇيۇشكەنلىك مۇھەببەتمۇ ؟
ساختا سويگۇ كۇچىسىدا گۇل قىسسىشىپ ،
ئازاپ - ھەسرەت چىكىشكەنلىك مۇھەببەتمۇ ؟
ئۆزگىنى ھەم ئۈزىنى ئالداپ جان بېقىپ ،
تەننى پۇلغا تىگىشكەنلىك مۇھەببەتمۇ ؟
| 161 قېتىم كۆرۈلدى | ablat313 | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-10-16 6:47:41 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|