باق
ئاپتۇرى:مىھىرنىسا قۇربان
ئاشىق بولۇپ يۈرەكتىن ،
بىرنى دىلدىن سۆيۈپ باق ·
بېرىپ ئاڭا مېھرىڭنى،
گۈلخان بولۇپ كۆيۈپ باق·
مۇھەببەتنىڭ پەيزىنى،
ئاشىقلاردىن سوراپ باق·
گۈل ئۆستۈرۈپ ۋاپادىن
ھىدلىرىنى پۇراپ باق·
مۇھەببەتنىڭ بېغىغا،
سۆيگۈ ئۇرقى چېچىپ باق·
بۇلىقىدىن ۋاپانىڭ
قېنىپ-قېنىپ ئىچىپ باق·
ۋاپادارلىق بېغىڭدا ،
بۇلبۇل كەبى سايراپ باق ·
خوشال دەملەر كەلگەندە،
يۈرىكىڭدىن يايراپ باق·
ھاياتىڭدا بىر ئۆمۇر ،
شۇنداق ياشاپ ئۆتۈپ باق ·
بولۇپ دائىم ئېنتىزار ،
يار ۋەسلىنى كۈتۈپ باق ·
يىتىپ يارنىڭ ۋەسلىگە ،
ۋىسال كۈيى چىلىپ باق ·
مۇھەببەت ئۇ بىر ناخشا،
مەڭگۈلۈككە ئېيتىپ باق ·
2016-7-14
| 33 قېتىم كۆرۈلدى | 2550325358 | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-9-2 22:54:58 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|