ئالدىرماڭ
ياسىنجان * ئاچىل * 2016.9.15
غەزەل
پۇلۇم يوق دەپ زارلىماڭ پۇل تاپىسىز ئالدىرماڭ ،
تەمە قىلىپ بوستانغا چۆل تاپىسىز ئالدىرماڭ .
سىزدە بولسا پاك قەلىب ئەخلاققا جان بەرسىڭىز ،
ئاخىرەتتە بەزىدىن ساپ بۇلىسىز ئالدىرماڭ.
باي بولغاندا غېرىپنى يۈلىسىڭىز سۆيسىڭىز ،
باقىدا ھەم راھمانغا سۈيىلىسىز ئالدىرماڭ.
مېھىرىڭىزنى يۈرەكتىن ئاۋامغا يەتكۈزسىڭىز ،
ھۆرمىتىدە تۇلپارنىڭ كۆپ چاپىسىز ئالدىرماڭ .
كىبىرلىككە يۈزلىنىپ دوست كۆڭلىنى ئەزسىڭىز،
بۇ جاھاندا بارچىدىن ئايرىلىسىز ئالدىرماڭ .
ياخشى كۈرۈپ كەيىپنى ھۇزۇرغا ھەم چۆمسىڭىز ،
ئەلنىڭ يامان سۆزىدىن جان بېرىسىز ئالدىرماڭ .
ياقا سىقىپ پۇلنى دەپ قېرىنداشتىن ياتلاشسىڭىز ،
ھەسرەت چۆلىدە پىيادە قېپ قالىسىز ئالدىرماڭ .
خۇتۇن بالا ئۆيدە قالسا سىز قاۋاقتا يۈرسىڭىز ،
تەنھالىقنىڭ دەردىدە ساز چالىسىز ئالدىرماڭ .
ئەل يۇرت ئۈچۈن جاپانى كۆپ قېتىملاپ چەكسىڭىز ،
ئەل كۆڭلىدە ئەزىز بۇلۇپ ئېچىلىسىز ئالدىرماڭ .
| 88 قېتىم كۆرۈلدى | ياسىنجان تۇرەك | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-9-21 14:10:43 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|