ئانامدەك - ئابدىراھمان ھېكىم

  ——ئانامدەك ——

🎄ئابدىراھمان ھېكىم🎄 🌹ئىشەنچ🌹

باغان ئىدىم ھەر يەرگە،دوستۇم  باغۇ  دەپ،
ۋاقتى كەلسە  بىرسى  يوقكەن دىلىم ئازار يەپ،
يۇلۇمغا قويسا توساق،تىزراق يىقىلسا (كەپ؟…)
ھېچكىم مېنى سۈيەلمەسكەن مىھرى بىلەن ئانامدەك،

يامغۇر ياغسا بولدى ماڭا دەل ۋاقتىدا سايىۋەن،
دادام يوقتا مىنى قوغداپ ئۈزى بولدى پاسىبان،
دەيتى بالام نامەرت بولما،ھاياسى يوق ھايۋان؟…
ھىچكىم مىنى سۈيەلمەسكەن مىھرى بىلەن ئانامدەك،

جېنىم  بالام  بويۇن  قىسما تىك تۇر ئاناڭ با،
ساڭا يۆلەك بۇلۇشقا تاغدەك-باغدەك  ئاناڭ با،
سەن ئۈچۈن  ئوتقا كىرىشكە  مەندەك ئاناڭ با،
غورورىڭنى يوقاتما،يىقىلساڭ مەن با دىيەلمەسكەن ئانامدەك،

ئوغۇل تۇغۇلدۇڭ ئەر بولدۇڭ قەددىڭ  ئىگىلمىسۇن،
ئىشلەپ يۈرۈپ  پۇتۇڭ قاپىرىپ يارا بولسا-بولسىۇن،
ئۆزگىگە يۈكۈنۈپ،ھەرگىز تىزىڭ توپىغا تەگمىسۇن،
ۋىجدان ئۈچۈن ھەق ياشاپ قېنىڭ ئاقسۇن،دىيەلمەسكەن ئانامدەك،

2016-يىل10-ئاينىڭ22-كۈنى كۇچا

506838927
     





55 قېتىم كۆرۈلدى ixanq ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-10-22 20:44:19  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ