ۋەتېنىم ئانام (شېئىر) - تۇرغۇن راخمان

 ۋەتېنىم ئانام
تۇرغۇن راخمان (كەمتەر)

ئىككى يۈزلىمىچىلەردىن ئەمەس بىز،
پەقەت باردۇر،بىزنىڭ بىرلا ئانىمىز،
سىڭىپ كەتتى قېنىمىزغا ئەزەلدىن،
ئانا ۋەتەن بارىمىز، كېچەلمەيمىز.

ۋەتەن بارىمىز، باغرىڭدا ياشايمىز،
كۆردۇق نۇرلۇق چىراغ، مەڭگۈ چاقنايمىز،
مېھىرلىك قوينۇڭدا، بولۇپ ئەزىمەت،
بۇزۇكلارغا بېرىپ زەربە، مۇجغايمىز.

ئىككى يۈزلىمىچىلەرىن ئەمەس بىز،
ۋەتەن ئۈچۈن دائىم تەييار تۇرىمىز،
بارلىقىمىز مۇقىملىق ۋە تەرەققىيات،
مەڭگۈ،داغدام يولدا مەزمۇت چامدايمىز.

ئەقىدە قىلىپ،بۇرچىمىزنى ئاقلايمىز،
قىلىپ جان پىدا،سۈكۈتلەر قىلمايمىز،
ئۈمىدىمىز بالىلاردۇر،نۇرلىتىپ،
ئېھ ۋەتەن، ئىللىق نۇرىڭدا چاقنايمىز.
     





256 قېتىم كۆرۈلدى تۇرغۇن راخمان (كەمتەر) ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-4-17 3:10:40  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ