ئېيىتقىنا تىرورچى، نەرىڭگە تاقاشتى تىنىچلىق - ئابدۇرېھىم بىريان

ئېيىتقىنا تىرورچى، نەرىڭگە تاقاشتى تىنىچلىق
ئابدۇرېھىم )بىريان(

ئىجىل ئىناق جەمىيەتنى مالىمان قىلىپ،
ئەل ئاۋامنىڭ كۆڭلىگە غۇل-غۇلا سېلىپ.
ئاتا-ئاناڭ قېرىن داشىڭ ھەممىدىن تېنىپ،
خۇش بولدۇڭمۇ ئاتا-ئاناڭ يۈرىگى تىلىپ.

يۇرت ئاۋامغا قار بوران كەلگەن دەك گويا،
ئاتا-ئاناڭ بالا-چاقاڭ قىلماقتا نىدا.
پۇشايمان قىلىپ مۇ ئۈلگۈردى ھەتتا،
سېنىڭدەك رەھىمسىز بالا باققانغا.

پەخىرلىنىپ مەن ئۇيغۇر دىيىشىڭ قىززىق،
ئۇيغۇر مۇسەن تىرورچىمۇ ئېيتقىنە قېنى؟
نەدە باكەن تۇزنى يەپ تۇزلۇقنى چاققان؟
ئىت جېنىدا چىشلىمەيدۇ باققان ئىگىسنى.

جەمىيەتنىڭ مۇقۇملىقى تاقاشقانمىتى،
ئەل ئاۋامنىڭ ئىناقلىقى پۇتلاشقانمىتى؟
يۇرت خەلىق پەرزەنتىڭنى ئېپ قاچقانمىتى،
بىلىپ قويغىن ئۇيغۇر ئەمەس، سەن بىر تىرورچى.

ۋەتەن خەلىق ئىناق بولسا ساڭا يامانمۇ،
شۇ ۋەتەننىڭ نېننى يەيدۇ ئاتا ئاناڭمۇ.
پارتىيەدىن مىننەتدارغۇ ھەتتا بالاڭمۇ،
سوراپ باقاي زادى ساڭا نېمە تاقاشتى؟

خۇشال ئىدى يۇرت ئاۋام ئىناق ئىتىپاق ،
نەگە بارسا شۇنداق ئەركىن بازارلار قايناق.
مۇقۇملۇقنى،خۇشاللىقنى بۇزدۇڭغۇ بىراق،
سوراپ باقاي زادى ساڭا نېمە تاقاشتى.

ئەل ئاۋامنىڭ ئارزۇسى خۇشال ياشاشتى،
پارتىيەنىڭ سىياسىتى خەلىق قوللاشتى.
ئەپسۇس سەندەك تۇزكورلار تۇزلۇقنى چاقتى،
سوراپ باقاي زادى ساڭا نېمە تاقاشتى.

بىلىپ قويغىن مىللىت سەندىن نەپرەتلىنىدۇ،
ئۇيغۇرئەمەس تىرورچى سەن ھەممە بىلىدۇ.
ۋەتەن خەلىق ھەممە سېنى دۈشمەن بىلىدۇ،
سوراپ باقاي زادى ساڭا نېمە تاقاشتى.

يۈرەكلەرنى زىدە قىلىپ خەنجەر قادالدىڭ،
شۇڭلاشقىمۇ سەن بىزلەرگە دۈشمەن سانالدىڭ.
ئال ئاۋامنىڭ كۆڭلىدە تۇزكور ئاتالدىڭ،
سوراپ باقاي تۇزكور ساڭا نىمە تاقاشتى.

سەندەك ساتقىن يۈزسىزلەرگەئاچچىقىم تاشتى،
ئويلىساملا ئىچىم قايناپ نەپرىتىم ئاشتى.
تاقەتلېرىم تاق بۇلۇپ سەبرىممۇ توشتى،
ئېيتىپ باققىن زادى ساڭا نىمە تاقاشتى.

ئابدۇرېھىم مەمىتىمىن )بىريان(





92 قېتىم كۆرۈلدى biryan ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-4-15 12:19:18  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2017-4-17 9:26:43 مەنسۇر
قالتىس يېزىپسىلەر ، نەق گەپنى يېزىپسىلەر ! ئېسىل
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ