قاينام ئۆركىشگە ئاتاپ (شېئىر) - ئىزچى

 قاينام ئۆركىشىگە ئاتاپ

ئىزچى


ياشتۇرۇپ ئاشتىڭ داۋان ھايات يولۇڭدا،
قەلەمدەك ئۆتكۈرقىلىچ ھەردەم قولۇڭدا.
ئويغاتقاچ سېنىڭ سازىڭ سېنىڭ كۈيلىرىڭ،
يۈرەكلەر چاچتى يالقۇن ئوتلۇق تۇغۇڭدا.

ھەرمىسرا ھەر رىشتىڭدا كۈرەش ناۋاسى،
پۇرسام ئىجادىڭنى تاڭنىڭ ھاۋاسى.
ھاياتىڭ بىردەرياكەن قاينام ئۆركىشى،
تاشقىنلاپ ئېقىشلىرىڭ جەڭگال ئىداسى.

ئەل ئۈچۈن قىلدىڭ پىدا ئەزىز جىنىڭنى،
سۇندۇردى دۈشمەن قولى غۇنچە گۈلۈڭنى.
يىللارغا ئەمەس بەردىڭ جاۋاب زۇلمەتكە،
ئاخىرقى جەڭگە ئاتاپ مەندەك ئوغلۇڭنى.

ئاتقاچ تاڭ ئاخىرى بۈگۈن زامانىم نۇرلۇق،
ئايلاندى گۈل-چىمەنگە گىياھسىز شورلۇق.
سەن تۆككەن سەن ئاققۇزغان ئاشۇ قانلاردىن،
بولدىغۇ ئەتىمىزدىن ئەتىمىز يورۇق.

        -ئىزچى
     





149 قېتىم كۆرۈلدى ئىزچى ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-2-20 2:19:42  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ