ھەقىقەتتىن قاچمىغىن (شېئىر) - مەردانى پىچان

 ھەقىقەت يالغان بۇلدى،  يالغان راست بۇلغان دۇنيا بۇ
«كىنايە»
 يىزىلغۇچى : مەردانى پىچان

  ئۆزەڭلەرچە يازدىڭلار يۇق نەرسىلەرنى بار قىلىپ،
  كۆرەڭلەپمۇ كەتتىڭلاربەرسە« گۈل خو»ھىيجىيىپ،
  ھەي بۇ دۇنيا نىم بۇلۋاتدۇ شۇنى ئۇيلاپ بىقىڭلار،
  قىلدىغان ئىشىڭ يۇق نۇخسان ئىزدەپ يۈرۈشسەن.
  ھەقىقەتنى يالغان دەپ، يالغان ئۈچۈن ياشايسەن.

  ئىككى تۆت تال نەرسىنى يىزىپ قۇيۇپ ئۆزەڭچە،
  يازغۇچى- شائىر دەپ يۈرۈپ كەتتىڭ مەۋھۇمدا،
  قىنى يازغان نەرسەڭ دىسە، بەسلىشمىزمۇ دەيدۇيا،
  ھەي نىمە دەي بۇلارنىڭ ھالىغا، بىچارىلەر دەيمۇيا.
  ھەقىقەتتىن قاچىسەن،يالغاننى راست كۆرسىتەمسەن.

بىلسەڭ ئەگەرناۋادا، ھەقىقەت ئۈچۈن ماڭغانلار كۆپتۇر.
بىر نەرسىنىڭ سىرتىغا قاراپ باھا بىرىش نادانلىقتۇر،
كىچىك مىسال ئالايلى، ھەقىقەتتىن قاچمىغىن ئىنسانلار.
يالغاننى راست دەپ ياشىماي، ھەقىقەتنى ئىزدەپ باق،
چۈشەنمىسەڭ ناۋادا،ئۆزەڭدىن مەن كىم دەپ سۇراپ باق.

يازىمەن دەپ كۆرەڭلەپ ،قىلغان ئىشىڭ مۇشۇمۇ سىنىڭ،
يىزىش ئۈچۈن كۈچەيسەن ، يىزىلىشنى سەن  بىلمەيسەن.
خەق يازغاننى كۆرەلمەي،تىخى قۇسۇر ئىزدەپ يۈرۈيسەن،
تۇۋۋا دەيمەن بۇلارغا، گەپ سۆزلىرىم ئارتۇقچە ئىكەنمىش.
يالغان نەرسىلەرنى بىر  ئۈمۈر ئىزدەپ تىپىپ  ياشايسەن،

سۆزلەڭ دىسە بەك قالتىس ،ئالتە شەھەرلىك دەپ كىتىدۇ.
يىزىڭ دىسە يازىدۇ،يالغان نەرسىنى،بۇ چىن راست دەيدۇ،
بۇنداقلارغابىرقاراپ،پەقەت سۈكۈت قىلىشلا يىتىپ ئاشىدۇ.
تەڭ تۇرۇپ پىكىرلىشمەن دىسە ، ھەتتا دەرس سۆزلەيدۇ،
يالغان ئۈچۈنلا قۇل بۇلغان بەزى  ئادەملەر بەكمۇ  كۆپقۇ.

ياخشى ئىشتىن بىخەۋەر، يالغان ئىشنى ئىزدەپ كىتىسەن،
ياخشى ئادەم بىر ئۈمۈر، ھەقىقەت نۇرلىرنى ئىزدەيدىكەن.
شۇ نۇرلارنى كۆرگەندە ئەما بۇلۇپ،گاس قاتارىغا ئۈتىسەن،
مەيلى ئەمدى، ئۇلارنىڭمۇ ئۆز ئۇيلىغىنى بارمىكىن دەيمەن.
يالغان ئۈچۈن ياشاپلا،ھەقىقەتتىن يىراق چەتنەپ قالىسەن،

نەسىھەت قىلاي دىگەن، شۇ يۇلدىكى ئەزىزانە دۇستلارغا،
گەپنى خاتا چۈشنىۋىلىپ ، نىم كارىڭ ئارلاشما دەيدۇيا؟
بۇلدى مەنمۇ ئارلاشماي،شۇئەخمەق ئادەملەرنىڭ تۇپىغا،
ئۇلار مىسالى ئۆردەكتەك سۇ يۇقمايدۇ  دەپ باقايمۇ يا؟
يەنىلا ئۇلارخۇددى: چىن ھەقىقەتتىن  قىچىپ  يۈرىدۇيا ؟

نەسىھەت ئاچچىق مىۋىسى تاتلىق،دىگەن بىر ئۇستازىمىز،
بۇگەپلەرنى ئۈگۈتىشكە يەنە بىز كىم-كىملەرنى ساقلايمىز.
ساقلاپ ھىرىپ قالمايمىز بىز، ئىشەنچ بارغۇ ھەممىمىزدە،
ئۇ ئادەملەر قاچانمۇ شىرىن ئۇيقۇسىدىن ئۇيغىنىپ قالار.
ھەقىقەت ئۈچۈن يۇل ئالغان ، شۇ دۇستلىرىم كۈنىدە بار.

2016-يىلى 12-ئاينىڭ 22-كۈنى «چۈش»





19 قېتىم كۆرۈلدى mardan007 ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-3-28 1:59:20  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ