سەۋدا يۈرەك
نۇرئەھمەدجان مەمتىمىن شەرئى
نەدىسەن ئىزدىدىم ھەريان، كەلسەڭچۇ يارىم،
بۇ خاراپ ھالىمنى مىسكىن،كۆرسەڭچۇ يارىم.
بولمىدى سەنسىز گۈزەل كۈنلەر پەقەت،
سۆيگۈدىن بىر رەت دىدار بەرسەڭچۇ يارىم.
ۋەسلىڭدۇر ماڭا ئارمان شامۇ-سەھەر،
سىغىنىش قەلبىمدە گۈلخان بىلسەڭچۇ يارىم.
مەن نىچۈك دەرتكە قالدىم بارمۇ خەۋرىڭ،
تىلغايدۇ باغرىمنى ھىجران ئالساڭچۇ يارىم.
نە قىلاي چۈمۈلدۈممەن ھەسرەتكە مەھكەم ،
بۇ ئازاپ غەمدىن مىنى تارتساڭچۇ يارىم.
بارمۇ يوق مەن،ھىچ بىلمىدىم خىيالىڭدا،
ئۇنۇتتۇڭمۇ كەچتىڭمۇ ۋاقىپ،قىلساڭچۇ يارىم
قايان كەتتىڭ،تاپالماستىن بولدۇم جۇنۇن،
قەترە ئارام،خەتلەر يىزىپ تۇرساڭچۇ يارىم
سەۋدا يۈرەك سوقار ھەردەم ئىسمىڭنى توۋلاپ،
مىنىمۇ ھەم مەندەك ئەسلەپ قويساڭچۇ يارىم.
كەلمىدىڭ سەن كۈتتۈم ئۇزاق،يوللىرىڭدا،
قارارگاھىڭ قايدا،باراي ئىيتساڭچۇ يارىم
ۋىسالغا زار ئىنتىزاردۇرخەستە كۆڭلۈم،
دىلخانەمگە شادلىق بەخىش ئەتسەڭچۇ يارىم.
قالماس ئىدىم مۇنچە ئىغىر كۈلپەتكە بۇدەم،
كاشكى كەتمەي يانلىرىمدا قالساڭچۇ يارىم.
بۇدۇنيامۇ ھەتتاكى تار سىغىنچىمغا،
مىھرىڭدىن چىن گۈلدەستىلەر تۇتساڭمۇ يارىم.
ئىيىت،رىئاللىق يۈز ئاچىدۇ ماڭا، نىكەم؟
شۇ بولسىمۇ چۈشلىرىمگە كىرسەڭچۇ يارىم.
تەشنامەنكى بىغۇبار پاك قەلبىڭگە شۈنچە،
قول ئۇزاتتىم رىشتىمگە قول سۇنساڭچۇ يارىم.
2016-11-27-كۈنى
42 قېتىم كۆرۈلدى | xirhan | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2016-12-16 0:43:59 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|