سەن يىنىمدىن كەتكەندىن بىرى
فاتىمە«زەھرا»
كىزەرمەن دۇنيانى خىيالىم بىلەن
يىپى ئۈزۈلگەن بىر لەگلەك كەبى.
يوقتۇر نىشان چۈشۈشكە ئەمدى،
سەن يىنىمدىن كەتكەندىن بىرى .

ئايغا قاراپ سۈرىمەن خىيال ،
ئاي يۈزىدىن ئىزلەپ مەن سېنى.
يۇلتۇزلارمۇ كۈنلىدى ئايدىن،
سەن يىنىمدىن كەتكەندىن بىرى .

شىرىن چۈشلەر كۆرەتتىم كۈندە،
قانماستىم ھىچ سۆيۈپ لىۋىڭنى.
ئەمدى كۆزلەر ئۇيقىدىن بىدار،
سەن يىنىمدىن كەتكەندىن بىرى .

تىپىرلايدۇ يۈركۈم شۇنچە،
سەكراتتىكى بىر بىمار كەبى.
ئاھلار ئۇرۇپ چىكمەن پىغان،
سەن يىنىمدىن كەتكەندىن بىرى.

كۆزلىرىممۇ كۆتۈردى ئىسيان ،
چىدىمىدى كۆرۈپ دەردىمنى.
ئاچچىق ياشلار تۆكەر كۆزلىرىم.
سەن يىنىمدىن كەتكەندىن بىرى.
2016.1.15
| 234 قېتىم كۆرۈلدى | فاتىمە | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-6-22 0:23:29 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|