ئۆمۈر مەنزىلى

         ئۆمۈر مەنزىلى
تاڭ ئاتسا ھاياتلىق باشلىناركەن قايتىدىن،
رەڭمۇرەڭ دۇنيانى كۆرەركەن قايتىدىن.
ھەممە كىشىگە بولماسكەن تەلەي نىسىپ،
ئۆلسەك گەر ئايلىنارمىز توپىغا قايتىدىن.

بولدى نىسىپ بۇ تەلەي كىم-كىملەر ئارا،
كۆرەڭلىمە ھايات مەندەپ چۇقان ئارا،
ھاياتسەن بەلكىم بۈگۈن خۇشال شادىمان،
كەلگەندە ئەجەل ئايرىماس قېرى ياش ئارا.

تۈنۈگۈن كۈلۈشكەن دوست يارەنلەر بۈگۈن يوق،
يوقلىقىدا كۈلەي دېسەم چىن كۈلكەم ھەم يوق،
ئۆمۈر مەنزىلى شۇنداق ئىكەن تاللىشى يوق،
چۈشەنگەندە قەلىبتىن ئەتە ھەم مەنمۇ يوق.


ئاپتور:نۇرمۇھەممەد پىغان.  كورلا
qq:3118792830
undidar:pasiban0014
     

 تەھرىرلىگۈچى :ئابلىمىتجان ۋاھاپ

ئۈندىدار:qq1165181317 

مۇھەررىر : ئابدۇقەييۇمجان ئابدۇسادىرى 

ئۈندىدار : 2041420589 







54 قېتىم كۆرۈلدى نۇرۇھەممەد ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-5-27 2:55:46  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ