گۈل قىسمىتى

         گۈل قىسمىتى

قەلەمدە ئابدۇسالام سەردارى

1-قىسىم

بۇلبۇل يىغلايدۇ گۈلنى كۈرەلمەي
ئاھ چىكەر ھەركۈنى بىللە يۈرەلمەي
كەلگەندە زىمىستان قاتتىق شىۋىرغان
قان يىغلار شۇ ۋاقىت بىللە ئۈلەلمەي



گۈل ئېچىلدى كەلگەندە باھار
ھىد تارقاتتى ھەرياق ھەرتامان
ھەممە كۇيىدا گۈلنى ئۈزۈشنىڭ
پەقەت تىلىدى بۇلبۇل (تىچ ئامان)



ئەلچى كەلدى بۇلبۇلدىن تامان
ئىشىك ئېچىپ باشلىدى گۈلمۈ
سورىدى ھەم ئەلچىدىن شۇنداق
ياتلىق بولسام ھەممىسى تەلمۇ



تۇرۇپ كەتتى ئەلچى بىر ھازا
قىلالمايدۇ سىزنى تەخىتلىك
لىكىن ئۈزى بەكمۇ تىرىشچان
بۇلالايسىز چۇقۇم بەخىتلىك



بۇلبۇل ئېيتتى گەپنى ئۈزۈپلا
گاداي تۇرۇپ ئەلچى قۇيۇپتۇ
مەن ئۈچۈن بۇ قاتتىق بىر نۇمۇس
ئالىمەن دەپ خام خىيال قىپتۇ


نى بايۋەتچە كەلسە ئالدىمغا
نەزەر سالماي سالدىم يۇلىغا
گادايلارغا پۇرسەت يوق ئەسلا
قاراپ باقسۇن نامرات قۇلىغا



ئەلچى ئېيتتى چىداپ تۇرالماي
ئېيتقىن قىزىم ساڭا نە ھاجەت
ئاتاڭمۇ ھەم بىر دىھقان ئىدى
ياراشمىدى ساڭا بۇ ھالەت




گۈل ئاچچىقلاپ ھەيدىدى ئۆيدىن
يۇقال دەللال يۇقال كۈزۈمدىن
چاقىرمىغان سىنى     بۇرۇنلا
نۇمۇس قىلغىن ئەمدى ئۈزۈڭدىن



يىغلاپ سالدى ئەلچىمۇ شۇدەم
لەنەت دىدى گۈلگە مىڭ نۆۋەت
قاراپ قويدى ئاخىرى بىر قىتىم
سەت كۈرۈندى گۈل چىراي قەۋەت


نىم دىيىشنى بىلمەي بۇلبۇلغا
تۇرۇپ كەتتى بىردەم بىرھازا
چىداپ بۇلماي ئېيتتى يەنلا
ماس كەلمەسكەن ساڭا ئۇ تازا



ئۆمرى قىسقا بىر يىللا ئىكەن
قىش كەلسلا ئۈلۈپ كىتەركەن
ئۇنتۇپ كەتكىن تەلىيىڭ يوقكەن
سورىسام ساڭا تەككۈسى يوقكەن




بۇلبۇل يىغلاپ ئيتتى ئەلچىگە
تۈگىسە ئۆمىرى بىللە ئۈلەتتىم
جان سۇرىسا بىرەتتىم كۈلسە كۈلەتتىم
ئەمدى مەن ھىجراندا تەنھا ئۈتەمدىم



ئېيتتى ئەلچىمۇ راستنى ئاخىرى
تاراملاپ ياش تۈكۈپ زار يىغلاپ تۇرۇپ
سەن ئۈچۈن ئوتقىمۇ كىرەتتىم قورقماي
كەچۈرگىن ئارزۇيوڭ بۇپقالدى قۇرۇق



بولبۇل ئاڭلاپ قالدى قېتىپلا
يىقىلدى ئۇرنىغا قانات ئۇرۇپلا
كەتتى ئۇ ئارماندا ئاچكۆز جاھاندىن
يۈرەك توختاپ جاننى ئۈزۈپلا



ئاھ ئۇردى ئەلچى ھەم بارچە خالايىق
ياش تۆكتى بۇلبۇلچۈن قىلدى پەتىلىك
دۇئا قىپ يېنىشتى لەنەتلەپ گۈلنى
بولمىغاي دىيىشتى گۈلنى بەخىتلىك



كۈنلەر ئۈتۈپ گۈل بولدى ياتلىق
ھەشەمەت بىلەن ئۆتتى بۇ تويى
ھەممە ماختىدى چىرايلىق گۈلنى
ئايلاندى رىئالغا گۈلنىڭ شۇ ئۇيى


لىكىن نەچچە كۈن ئۈتە ئۆتمەيلا
سولاشتى گۈلمۇ باغدىن ئۈزۈلگەچ
شۇندىلا باشلاندى گۈلنىڭ قىسمىتى
يىگىتنىڭ مىھرىمۇ گۈلدىن ئۈزۈلگەچ



سۇلاشقان گۈلنى كىممۇ ياقتۇرسۇن
بۇرۇنقى پۇراقى ھىدى بولمىسا
تاشلاندى شۇ چاغدا گۈلمۇ سىرتىغا
بۇرۇنقى گۈزەللىك رىڭى قالمىسا


بۇ ئۆز ئىجادىيىتىم قەلىمىمگە ھۆرمەت قىلىڭ
داۋامى بار ……
     

مۇھەررىر: ئابدۇقەييۇمجان ئابدۇسادىرى 

ئۈندىدار :2041420589






53 قېتىم كۆرۈلدى SARDAR38 ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-6-2 23:00:29  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ