مۇڭسىرايدۇ رەت-رەت بىنالار (شېئىر) - ماھىنۇر ئابدۇرھېم

مۇڭسىرايدۇ رەت-رەت بىنالار (شېئىر) 

 ماھىنۇر ئابدۇرھېم


شەھەرلەردە  رەت-رەت  بىنالار ،
قەد كۆتۈرگەن  شۇنچىلىك  ئېگىز.
بىر  ئېشىكتىن چىقار مىڭ  ئادەم،
ناتۇنۇشتەك ئۆتىشەر تېز- تېز  .

بوسۇغىدا  ئۇچرىشار ھەر  كۈن،
ئەمما  قىزغىن سالام قىلىشماس .
باش لىڭشىتىپ  ئۆتۈپ  كېتىدۇ،
بىلدىم ،ئەسلى قەلبى  تونۇشماس.

قوشنا  ئايال قوشنا  ئايالغا  ،
سوغۇققىنە  ئۆتىدۇ قاراپ  .
كۆز  قىسىشىپ  ئۆتەر   بالىلار،
تونۇشمىغاچ  كىتىدۇ   ماراپ .

مۇڭسىرايدۇ  رەت- رەت   بىنالار،
خۇددى  ئۇندا  يۈتكەندەك   سادا .
كۈلكە  چاخچاق  ئاڭلانماس  نىچۈن؟
شۇنچە  يىقىن  تۇرسىمۇ  ياندا  .

مۇڭسىرايدۇ  رەت-رەت  بىنالار ،
گەرچە  ئېگىز  ھەيۋەت بولسىمۇ .
سۇنۇشمايدۇ  تاماق   ئۆزئارا  ،
ئۆيدە  ھەممە  ئېشىپ   قالسىمۇ .

مۇڭسىرايدۇ  رەت-رەت   بىنالار ،
مىھرى -شەپقەت  سۇسلىغان  ئاندا .
سانجاق-سانجاق  بىنالار   غېرىپ،
ياش  تۆكىدۇ  ئۈنسىز  ئارماندا .





570 قېتىم كۆرۈلدى ماھىنۇر ئابدۇرھېم ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-2-20 18:25:34  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2017-3-7 2:31:18 نۇرسىمانگۇل
ھەقىقەتەن ھازىرقى ئەمىليەتنى ئەكىس ئەتتۈرۈپتۇ ،بەك ياخشى يىزىپسىز مەن بەك ياقتۇردۇم
2017-2-20 23:41:40 مەريەمگۈل ئابدۇرىھىم
مۇڭسىرايدۇ رەت رەت بىنالار دېگەن شېئىر بەك ياخشى ،ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن يېزىلىپتۇ ،مەنبەك ياقتۇردۇم
2017-2-20 21:04:29 ماھىنۇر
مۇڭسىىرايدۇ رەت-رەت بىنالار ھازىرقى سۇسلاۋاتقان خوشنىدارچىلىق مۇناسىۋتىنى ئەكىس ئەتتۇرگەن تىلى ئاددى چۈشىنىشلىك ياخشى ئەسەركەن
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ