يوق
(ساتىرىك )
ئابلىمىتجان ۋاھاپ (تەنھا تۇرنا)
سىنىڭدە دوسلۇقتىن قىلچە ئەسەر يوق،
ۋاپادارمەن دەيسەنۇ ئەمەلىيەتتە يوق،
قارىغىداھەر كىشىنىڭ قايىل بولمىقى يوق،
پىيازنىڭ پوستى تولا چامغۇرنىڭكى يوق،
ئەخمەقنىڭ دوستى تولا ئەقىللىقنىڭ يوق.
خاتالىقىنى ئىيتىپ بەرسە رەخمەت ئىيتىدۇ،
نەشتىرىنى كىشىگە ھەم مەخپىي تىقىدۇ،
پەزىلەتلىك دىسەم ئۆزىچە ئۇچۇپ كىتىدۇ،
ماختاپ قويسام يەنە شۇ كۇلۇپ كىتىدۇ،
ئاھ سىنىڭدەك ماختانچاق بۇ دۇنيادا يوق.
ماختاپ قويسام ئىغىزدا ئۇچۇپ كەتتىڭمۇ،
گۇلبەرگىنى ھەر يەرگە چىچىپ كەتتىڭمۇ،
ئازار بىرىپ قەلبىمگە خۇشال بولدىڭمۇ،
دوسلىقىمىز سۇسلاشتى يەنە ۋاپا قىلدىڭمۇ،
ۋاپاسىزنىڭ ئەزەلدىن چىن دوسىتى يوق.
مەڭگۇلۇك چىن دوست تىپىشنى خالايسەن،
ئۆزگىلەرنى قىلساڭ قونچاق قانداق دوست تاپالايسەن،
بولساڭ خۇشال دوستىڭنى ئويلاپ قويمايسەن،
مۇھەببەتنى دوسلىقتىن چىن ئارتۇق كۆرىسەن،
بۇ دۇنيا بەز يىمەيدىغان مۇشۇك ھەم يوق.
دۇنيادا پۇل قىممەتلىك ئەمما قادىر ئەمەس،
ھەققىي مۇھەببەتكە چىراي سادىق ئەمەس،
كۆرۇشۇش قوش يۇرەككە تالىق ئەمەس،
ئوقۇغان ھەممىنىڭ دادىسى كادىر ئەمەس،
بۇ دۇنيادا ئىنساندەك پۇشايمان قىلىدىغانلار يوق.
ئابلىمىتجان ۋاھاپ (تەنھا تۇرنا )
2016-يىلى10-ئاينىڭ24-كۇنى
67 قېتىم كۆرۈلدى | tanhaturna | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2016-10-26 1:25:00 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|