رايىم يوق (شېئىر)
بىلال رەخمەت
تەڭ يولغا چىققانلارتاشلىسا،
نە ئىزدەپ يۈرۈشكە رايىم يوق،
يولدا قۇشۇلغاننى تاللىسا ،
نە قىسلىپ يۈرۈشكە رايىم يوق.
ھەممىلا ئادەمدە كۈڭۈل بار،
نە چۈشەندۈرۈشكە رايىم يوق،
ھەممىلا ئادەم كۈڭۈلدە يوق ،
نە ئىشەندۈرۈشكە رايىم يوق .
دۇرۇس ھەق ياشاشقا تىرىشتىم،
ئەسلا نامەرتلىككە رايىم يوق ،
ناھەق سۆزگە چاۋاكلار چالغان،
پەسكەش جا مەرتلىككە رايىم يوق.
قارىنى ئاق دىسە راس دىگەن،
نە خۇشامەتلەرگە رايىم يوق،
ئەجىر مىھنەتسىز ئۇچۇپ كەلگەن،
نە قوش ئامەتلەرگە رايىم يوق .
ئۇ تاپقان بۇ ساتقان ھەم ئاتقان،
ئىغۋا غەيۋەتلەرگە رايىم يوق ،
ھارامدىن يول تاپقان ھەم چاققان،
غۇۋا ھەيۋەتلەرگە رايىم يوق.
| 139 قېتىم كۆرۈلدى | بىلال رەخمەت | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2017-2-21 6:33:30 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|