ئانا بولغاندا بىلەرسەن
ئانا بولغاندا بىلەرسەن تۇرغۇن راخمان(كەمتەر) بىرى كېتىپ،بىرى كەلسە بىلەركەنمىز، ئانا بولغاندا،قەدرىگە يېتەركەنمىز، بالام دەيتتى،ئانام شۇنچە سۆيۈشلەردە، مەنمۇ دېدىم،تاتلىق بالام جېنىم بىلىپ، ئانا شۇنداق داۋام قىلىپ كىتىدىكەنمىز. ئانىمىز بار دەپ،غەم-قايغۇسىز بىغەم بىز، توققۇزىمىز تەل،شۇنچە ئەركىن ئىكەنمىز، جىنىم ئانام،بارىڭىزدا بىلمەپتىمىز، نادانلىقتا،ياشلىقتا چاي سۇنالماي، كەتكىنىڭدە،كۈلۈشنىمۇ سەزمەپتىمىز. ئېقىپ چۈشسە ياشلىرىمىز،سەزمەپتىمىز، ئىزدەپ بېرىپ،يانلىرىدا قونماپتىمىز، يا بىر قېتىم قىزىل گۈللەر سۇنماپتىمىز، ئانچە-مۇنچە چۈشلىرمىزدە كۆرۈپ قويۇپ، ئامال قانچە،باخاشلاشنى بىلمەپتىمىز. قاتتىق ناننى چاينىغاننى كۆرمەپتىمىز، يا بىر قېتىم ھالۋا ئېتىپ بەرمەپتىمىز، نىمە بولدۇڭ ئاغرىق سىلاق دىمەپتىمىز، قورساق تويسا خورەك تارتىپ ئۇخلاپ قوپۇپ، ئىشتان قىرلاپ،ېانچۇق توملاپ كىتىپتىمىز. ھايات شۇنداق،ئىزلار بېسىپ كېتىدىكەنمىز، ئانا ئەسلەپ،ئانا بولۇپ يۈرۈيدىكەنمىز، پىشاينىگە پۈتۈلگەننى كۆرىدىكەنمىز، ئانا شۇنداق سەبىر قىلىپ،ئۆتىدىكەنمىز، پۇشايمانغا ئۈلگۈرەلمەي ئازاب چېكىپ، بالىلىقنى ئەسلەپ پەقەت كىتىدىكەنمىز. ( تۇرغۇن راخمان:كەمتەر )



130 قېتىم كۆرۈلدى turhun ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-3-8 21:41:27  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ