مەن ئۈچۈن
ئاقسۇ بايدىن قىزىل تۇمان
يالقۇنجىغان ئوت بولۇپ كۆيدىڭىز مەن ئۈچۈن،
گەر سورىسا جېنىمنى ، بەردىڭىز مەن ئۈچۈن.
بارچە ئېغىر چاپاننى تارتتىڭىز مەن ئۈچۈن،
جان ئانا ھەرقاچان ئامان بولۇڭ مەن ئۈچۈن.
تىكەن كىرسە پۇتۇمغا ياشلاندى كۆزىڭىز،
قىزىپ قالسام ئەگەر، يېرىم بولدى كۆڭلىڭىز.
مەن ئۈچۈن جان ئانا، شام بولدىڭىز ئۆزىڭىز،
جان ئانا ھەرقاچان ئامان بولۇڭ مەن ئۈچۈن.
سارغايدى ئانا گۈلدەك ھۆسنىڭىز مەن ئۈچۈن،
مۈكچەيدىغۇ قەددى- قامىتىڭىز مەن ئۈچۈن.
ئاپپاق ئاقىرىپ كەتتى، چېچىڭىز مەن ئۈچۈن ،
جان ئانا ھەرقاچان ئامان بولۇڭ مەن ئۈچۈن.
ئاپتور ئاقسۇ بايدىن قىزىل تۇمان
ئۈندىدار نومۇرى: 15292532364
2016-يىلى 7-دېكابىر
93 قېتىم كۆرۈلدى | kiziltuman | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2016-12-7 19:52:52 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|