ئەي ھايات - نۇرئەھمەدجان مەمتىمىن شەرئى

         ئەي ھايات
نۇرئەھمەدجان مەمتىمىن شەرئى

ئەي ھايات، مىھىر سۆيگۈ بەرگىن ماڭا،
مەنمۇ ساڭا تالىق ئىنسان باشقىلاردەك.
نى كەمگىچە سەبى دىلىم تىلغىنىدۇ،
قۇچاقلىغىن مەھكەم ئاتا ئاناملاردەك.

باغرىڭغا باس مەن شۇنىڭغا مۇھتاج بۇدەم،
تۆكىلەمدۇ دائىم يىشىم ئۈنچىلەردەك.
كۈلۈشۈمگە يوقمۇ ئىمكان خۇشاللىقتىن،
يۈرەلمىسەم ساختا يالغان كۈنچىلەردەك.

سىنى كۈيلەپ كەلدىم ئۇزاق ئىخلاس بىلەن،
ئۈزمىدىم ھىچ ئۇل ئۈزۈلمەس تىنىقلاردەك.
رىشتە بەردىم ئادەملەرگە ئۆزۆم كەبى،
بولساممىدى،؟ گاھى بار يوق چىقىنلاردەك.

ياق،ئادەممەن ئادەملەرگە قەرزىم تولا،
نىدالىرىم ئۆچمەس بۈيۈك ناخشىلاردەك.
نە لايىقمەن ئىنسانلىققا پەزىلەتسىز،
شۇڭا كەلدىم ياخشىلىقتا ياخشىلاردەك.

ئەمما قالدىم تەنھا پىتى دوست يارەنسىز،
ھەقنى ياقلاپ ئادالەتتە يىتىملاردەك.
تولغانمۇيا بۇ دۇنياغا يامانلىقلا،
يامان ئۈستۈن،باستى ھەيۋەت ئىقىنلاردەك.

ياكى ۋىسال قۇچالمىدىم مۇھەببەتتە،
تىنەپ كەلدىم پەرھاد مەجنۇن ئاشىقلاردەك.
سەمىيمىيتىم بولدى مىنىڭ ئاجىزلىقىم،
تۇرالمىغاچ تۈلكە سۆزمەن ناتىقلاردەك.

نىمە قىلدىم ھەممە ئىشىم روشەن ئايان،
كىمگە يەتكەي، بايان ئەرزىم پىغانلاردەك،
ئىچىم دەردكە لىقمۇ لىقلا توشۇپ كەتكەن.
ئىزھار قىلماي قانداق ئۆتەي ئىشانلاردەك.


شەرئى  2016-9-10
     





67 قېتىم كۆرۈلدى نۇرئەھمەدجان مەمتىمىن ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-10-21 23:11:42  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ