بايرامنى قايتىدىن ئويلىشار دۇنيا
يۈسۈپجان ئىسمايىل قاراتېكىن
ئاشىق مەشۇق بايرىمى بۈگۈن،
بىلەمسەن قولۇمدا تۇرغان ئەي كىتاب؟
پۇراقسىز سۇ ياۋا گۈل ئالمىدىم ساڭا،
گۈل قىلىپ قەلبىمنى تۇتاي قوش قوللاپ.
ئاشىقىڭ كۆزۈڭگە كۆرۈنەر نېمە؟
كۆپ چېكىت،سوئال يا ئۈندەش بەلگىسى.
سوراپ باق پۇتۇڭنى سۆيگەن يوللاردىن،
ئاپىرار كىم تامان سېنى كەلگۈسى.
قەلبىمگە مۆكۈنگەن بىر پاتمان ئىزاھ،
لېۋىمدىن مارىشار سېنى كۆرگەندە.
باغرىڭدا پورەكلەپ ئېچىلار بىر كۈن،
شۇ ئىزاھ،ئاھ…جېنىم!سېنى سۆيگەندە.
نامەلۇم بىر كۈنى سۆيىمەن سېنى،
ئۇقمايدۇ ئۇ كۈنى يەرشارى تېخى.
بايرامنى قايتىدىن ئويلىشار دۇنيا.
ئىككىمىز دىل بېرىپ سۆيۈشكەن چېغى.
216 قېتىم كۆرۈلدى | يۈسۈپجان ئىسمايىل | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2017-2-10 16:05:50 | :يوللانغان ۋاقتى |
2017-2-13 15:21:14 | قاراتېكىن |
بىرىنچى كۇپلېت ئۈچىنچى مىسرادىكى «سۇلياۋ گۈل»-«سۇ ياۋا گۈل»بولۇپ قاپتۇ.تۆتىنچى كۇپلىت ئىككىنچى مىسرا «كۈننى»-«كۈنى»بولۇپ قاپتۇ. |
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|