يىغلاڭغۇ شائىرمەن - ئابدۇۋارىس ئوسمان

         يىغلاڭغۇ شائىرمەن 

يازغۇچى:ئابدۇۋارىس ئوسمان 


ئۆتكەن يىل كۈننى خىيال قىلىپ ،
كىتاپسىزئۆتكەن كۈنگە ئېچىنىپ .
ئەڭ قىممەت ھاياتىم ئىدىغۇدەپ ،
يىغلاۋاتقان  يىغلاڭغۇ شائىر مەن .

ئاتا-ئانامنى بىلمەي قاخشاتقان ،
غورور دەپ ئەپۇ  سورىيالمىغان .
بىر خاتاغا مىڭ پەرىيات ئۇرغان ،
يىغلاۋاتقان يىغلاڭغۇ شائىر مەن .

مىنىڭ گەدەن كەشلىكىم بىلەن ،
ئۇرشۇپ بىرقوساق ئاكام بىلەن .
ئاكام ۋاقىتلىق ئايرىلىپ ئەمدى ،
يىغلاۋاتقان يىغلاڭغۇ شائىرمەن .

ئاكامغا ئەسلى ئامراق ئىكەنمەن  ،
يېنىمدا تۇرسا بۇنى بىلمەپتىمەن .
سېغىنىپ يۈرەك جىغىلداپ ئەمدى ،
يىغلاۋاتقان يىغلاڭغۇ شائىر مەن.

كىتاپ تاپقۇزدى توغرا يۈلنىشنى ،
ئائىلەمنى بىلدۈردى قەدىرلەشنى .
بىلىپ ئەمدى ھىدايەت يۇلىنى ،
يىغلاۋاتقان يىغلاڭغۇ شائىر مەن .

كىتاب ئۈگەتتى ئىرادە غەيرەتنى ،
مىسكىن غېرىپقا كۈلۇپ بېقىشنى .
ئۈگۈنۇپ ئۇلارغېمىنى يىيىشنى ،
يىغلاۋاتقان  يىغلاڭغۇ شائىر مەن .

ھىدايەت يولىنى تاپماق تەسكەن ،
مەن تاپسام يېقىنىم تاپالماسكەن .
ھىدايەتنى تاپقانغا  كۈلەلمىگەن ،
يىغلاۋاتقان يىغلاڭغۇ شائىر مەن .

ھەق ئۈچۇن جېنىمنى بېرەلمىگەن ،
ھەقنى ھەم يىقىنىمغا دىيەلمىگەن.
ئازسا ئۇلاركۈچەپ يا تارتالمىغان ،
يىغلاۋاتقان يىغلاڭغۇ شائىر مەن.

كەيىپ قىلدۇق دىسە دوسلۇرۇم ،
زۇۋانىمغا نەپرەت ئۈنقىلالمىدىم .
ئاجىزلىقتاكەلدى غەزەپ يېشىم ،
يىغلاۋاتقان يىغلاڭغۇ شائىر مەن .

خەلىقىم قالسا غەم-قايغۇدا ،
ئۇيقا يوق ماڭا خەلىق غېمىدا .
كېچە دۇئا قىلىپ كۆز يېشىدا ،
يىغلاۋاتقان يىغلاڭغۇ شائىرمەن .

يېشىمنى دۈشمەنگە كۆرسەتمەي ،
جىمجىت  يەردە ئۈنسالالماي .
بۇ دەرتلەرنى  بىراۋغا  دىيەلمەي ،
يىغلاۋاتقان يىغلاڭغۇ  شائىر مەن .

سۇندۇم خەلقىمگەگۈل بىلەن كىتاپ،
ئېزىلگەن قەلىپلەركىتاپدىن يول تاپ.
روناق تاپ مىللەت دەپ دۇئا قىلىپ ،
يىغلاۋاتقان  يىغلاڭغۇ  شائىر مەن .

     





145 قېتىم كۆرۈلدى 944382894 ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-10-5 10:51:47  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2016-10-6 23:31:33 🌹🌹🌹🌹🌹
🌹🌹🌹🌹🌹
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ