ئۇنۇتمىغىن تاجىك قىزى سەن

ئونۇتمىغىن تاجىك قىزى سەن

 

 ھوشۇر ئامىرجان ئاتەشى تاجىك

 

 ئۆزگىلەرنى يۈرمىگىن دوراپ،

ئۇنۇتمىغىن تاجىك قىزى سەن.

 ساپ قېنىڭنى يۈرمىگىن بولغاپ،

ئۇنۇتمىغىن تاجىك قىزى سەن .

 

 تاجىك قىزى تاجىكدەك ياشاڭ ،

گۈل يۈزۈڭنى ھايادا بىزەڭ .

 ئۆز ئەينىڭنى تارىخدىن ئىزدەڭ ،

 ئۇنۇتمىغىن تاجىك قىزى سەن .

 

 سەندە مەرۋۇي گۈلنىڭ ھېدى بار ،

 سەندە گىگانت مۇزتاغ سېھرى بار .

سەندە ئۇچار بۈركۈت رۇھى بار ،

ئۇنۇتمىغىن تاجىك قىزى سەن .

 

 ھەۋەس قىلما مودىغا ، پۇلغا ،

 يەم بوپ قالما قاپقارا قولغا .

 ئەركىڭ ئۈچۈن چاپ ھالال يولغا ،

ئۇنۇتمىغىن تاجىك قىزى سەن .

 

سەن مىللەتنىڭ ئانىسى - پەخرى ،

 سەن ئەركەكنىڭ شادلىقى ، بەختى .

 كىرىپ يۇرىگىن مەيدەڭنى ئەمدى ،

 ئونۇتمىغىن تاجىك قىزى سەن .

 

ئىزاھات : مەرۋۇي گۈلى - تاغدا ئۈنىدىغان بىرخىل خۇشپۇراق گۈل بولۇپ . تاجىك تېبابەتچىلىكىدە تۈلۈك كىسەلىكلەرنى داۋالاشقا ئېشلىتىلىدۇ .





618 قېتىم كۆرۈلدى ejran ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-2-18 13:33:43  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2016-4-8 13:33:45 ئ‍اتەشى
رەخمەت
2016-3-8 16:45:17 Kurban
Bak yahxi yiziptu
2016-3-8 14:56:19 吾修尔巴依.库尔班巴依
 ئەنە شۇنداق تاجىك دېگەن كۇلكە چاقنار دائ‍ىم يۈزىدە ، بال تامىدۇ ھەر بىر سۇزىدە ، ئ‍ۇرغۇپ تۇرار شاتلىق قەلبىدە ، ئ‍ەنە شۇنداق تاجىك دىگەن ، يىگىتلىرى مەردانە شۇنچە ، قىزلىرى ھەم ئ‍ېچىلغان غۇنچە ، مېھمان كەلسە سۇنىدۇ ئ‍ۈنچە ، ئ‍ەنە شۇنداق تاجىك دىگەن ، ئ‍اتا قىلار دەرتمەنگە دەرمان ، بېرەر ئ‍ۆزگە مەدەت ۋە ئ‍ارمان ، ياخشىلىقتىن ياندۇرار گۈلخان ، ئ‍ەنە شۇنداق تاجىك دىگەن ، كۇڭلىدە يۇق ئەزەلدىن كېبىر ، بىر بىرىگە بېرىدۇ مېھىر ، يامانلىقتىن ئ‍ەسەر يۇق ھىچبىر ، ئ‍ەنە شۇنداق تاجىك دىگەن ، ھەر كىشىگە بېرەر مۇھەببەت ، مىراستۇر بۇ ئ‍ەجىداتتىن پەقەت ، قەلبىدىن نۇر چاچىدۇ ئ‍ەبەت ، ئ‍ەنە شۇنداق تاجىك دىگەن ، گۈزەل تارغا بىر رەت كېلىڭلار، راس يالغانمۇ كۇرۇپ بىلىڭلار ، مىھماندۇستۇر بىلىپ قېلىڭلا ، ئەنە شۇنداق تاجىك دىگەن oxo R bay
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ