ئىچى تارلارغا-ساتىرا
ئابدۇمىجىت ئىمام غۇلجا
ئۆزگىلەرنى قوللىغىم يوق ھېچ,
مىنى ھەممە قوللىسا دەيمەن.
ماڭا قونۇپ ئامەتنىڭ قۇشى,
ئۆزگىلەرگە قونىمىسا دەيمەن.
باغلىرىڭغا باشلىما تولا,
كۆز-كۆز قىلىپ تەرگەن گۈلۈڭنى.
مىنى ئەخمەق بىلمەيدۇ دەمسەن,
خوشامەتتە تاپقان يولۇڭنى.
ئالقشلىرىم بولمامدۇ زايە,
مۇكاپاتنى باشقىلار ئالسا.
كۆزۈم كۆرسە كۆڭلۈم كۆرەلمەس,
بىرى چولپان بولۇپ چاقنىسا.
تولغىنىمەن زەھەر يۈتكەندەك,
داۋان ئاشقان ئاتلارنى كۆرسەم.
روھىم ئۆلۈك كۆزۈمدە كۈلكە,
خوشنام ئالغان ئۇنۋاننى كۆرسەم.
بىرماختاشقا ئېرىشىپ قالسام,
بىشىم كۆككە يتىپ كىتىدۇ.
غادىيىدۇ كۆڭلۈمدە كىبىر,
كۆڭلۈم ئەجەپ ئۆسۈپ كېتىدۇ.
ئۆزۈم پەرۋىش قىلغان بۇ تىلىم,
ماختار ئاۋال ئۆزۈمنى پەقەت.
ئېگىز ئۇچما تۇغقان بولساڭمۇ,
جۇدۇنلۇرۇم ئۆرلەيدۇ قەۋەت.
تۈنۈگۈنلا يۈرگەن يالاڭ تۆش,
بۈگۈن كاستىيۇم قىرلاپ يۈرۈپتۇ.
غەيۋىتىمنى قىلدى چوقۇم راس,
مېنى كۆزگە ئىلماي يۈرۈپتۇ.
……2016/9/23
185 قېتىم كۆرۈلدى | ئابدۇمىجىت ئىمام غۇلجا | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2016-9-23 20:56:02 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|