مەن شۇنداق شائىر - قادىر ئابلەت

مەن شۇنداق شائىر


قادىر ئابلەت


ئىشرەتخانىدىمەن ئۆزۈم،

شىئىر يازماقتىمەن.

ئەخلاقنى كۈيلەپ،

سۆكمەكتىمەن بەڭگىلەرنى،

تاماكامنى كۈچەپ پۈۋلەپ.

زابويلارنى تىللىدىم راسا،

بىراق ئالدىمغا،

ھاراق بوتۇلكىسنى قويدۇم دۆۋلەپ.

قولۇمدىكى قەرتنى چۈشۈپ بوپ،

دەسمايەمنى ئۇتۇپ بوپ،

قىمارۋازنى تىللاپ يازىمەن شىئىر،

ھەيران قالماڭلار مەن شۇنداق شائىر!


2016.8.27 ئۈرۈمچى

     
     





58 قېتىم كۆرۈلدى قادىر ئابلەت ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-9-4 20:40:02  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ