كېتىپسىزغۇ جېنىم چوڭ دادا - جۇشقۇن ھوشۇر

كېتىپسىزغۇ جېنىم چوڭ دادا

 

 جۇشقۇن ھوشۇر

 

كۆرەلمەستىن سىزنى بىز بىر رەت،

 كېتىپسىزغۇ جېنىم چوڭ دادا.

بارىڭىزدا كۆڭلۈم توق ئ‍ىدى،

 ئ‍ېچىشتى ئ‍ەمدى يۈرەك ئ‍ازاپتا.

كەتكىنىڭىزگە ئ‍ىشەنمەي قالدىم،

 ئ‍ەتراپلاردىن ئ‍ىزدەپ ھەم تالدىم.

 چىدىيالماي يىغا -زار سالدىم،

كېتىپسىزغۇ جېنىم چوڭ دادا.

 60يىللىق ھەمرىيڭىزنى تاشلاپ،

 باللىرڭىزنىڭ كۆزىنى قان ياشلاپ.

نەۋرىلىرىڭىزنىڭ يۈرىكىنى پارچىلاپ،

 كېتىپسىزغۇ جېنىم چوڭ دادا.

 ھېشبىر ئ‍امال كەلمىدى بەندە قولىدىن،

 سىز ئ‍ۈچۈن قول كۆتۈردۇق پەقەت دۇۋاغا.

 كېتەركەنمىز ھەممىمىز ئ‍اخىر بىركۈنى،

 قالىدۇ بەربىر مال -مۈلۈك دۇنيا.

 

 2016.2.22





91 قېتىم كۆرۈلدى james10 ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-2-24 10:30:19  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ