بىزلەردىنمۇ قالىدۇ دۇنيا (شېئىر) - ​ شاھى مەردانى

بىزلەردىنمۇ قالىدۇ دۇنيا

 شاھى مەردانى

بىزلەردىنمۇ قالىدۇ دۇنيا،
(ھەم بىزگىمۇ ئۆتمۈشتىن قالغان).
بولمىسا گەر قەدىردانلىرىڭ،
كۈلۈپ ئۆتكەن كۈنلىرىڭ يالغان...

بىزلەردىنمۇ قالىدۇ دۇنيا،
بۇنى دانا بوۋام دەپ كەتكەن.
بىلىنىسىمۇ مەڭگۈلۈك  گويا،
زەررىچىلىك كىملەر ئەپ كەتكەن.

بىزلەردىنمۇ قالىدۇ دۇنيا،
قالغىنىدەك زىمىن ۋە ئاسمان.
ئۇنتۇلىدۇ بارچە يامانلىق،
ياخشىلارنى يازىدۇ داستان.

بىزلەردىنمۇ قالىدۇ دۇنيا ،
يەنە قالار ئېغىر سىناقلار.
كۈيلىنىدۇ شائىر قولىدا،
ياخشى ئۆتكەن ئىجىل ئىناقلار.
     





51 قېتىم كۆرۈلدى شاھى مەردانى ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-4-12 20:00:31  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ