ئاشىقلىق ئۆلدى
رەيھانگۈل مەمەت
مەن ساڭا يۈركىمدىن چىن سۆيگۈ بەردىم ، يۇركىمنىڭ پارچىسى ھىساپلاپ بەختىمنى سەندىن كۈتتۈم .ئەگەر ماڭا قايتا ھاياتلىق بىرىلسە مەن ئەمدى ھەرگىز سىنى سۆيمەيمەن ، چۈنكى سەن مىنىڭ سۆيگۈمگە بەكلا قەرىز .مەندىكى ھەممە ئۈمىد ، ئاشىقلىق سىنىڭ سايەڭدە ئۆلدى .ئۈمىدسىزلىك بۇسۇغىسىدا كىتىۋاتىمەن ، ئاياغلىرىم ئاستىدا غازاڭلار ياش تۆكمەكتە ،يىغلىما دەپ پىچىرلاپ قۇيدۇم ئىچىمدە ؛
مەن ئۇنىڭ ئۈچۈن ئاچىچىق يۈتىۋاتىمەنمۇ ياكى ئۈزۈم ئۈچۈنمۇ ؟كاللامدا ئىنىق بىر نەرسە يوق ، كۆڭلۈم ناھايىتى يىرىم .مەن ئۇنى بۇنداق ئەسەبىيلارچە ياخشى كۈرۈپ دەردىنى تارتىپ قالىمەن دەپ پەقەت ئۇيلاپ باقمىغان ئىدىم .تۇلىمۇ ئەپسۇس ، دەردىمنى بىر ئۈزۈم بىلىمەن .ئۇنىڭ يۈركىمۇ يۈرەك بۇلسىلا چۇقۇم ھىس قىلالايدۇ ، چۈنكى يۈرەك ھىجران -ئەلەمنىڭ تىتىرىشىنى سىزەلەيدۇ ئەمەسمۇ ؟باش -ئاخىرى يوق چەكسىز خىياللار مىنى قىينايدۇ .مۇھەببەتلىك كۈنلىرىمنى ئەسلەپ كۈلۈپ قۇيدۇم .سەن كەتتىڭ مەنمۇ ھەم كەتتىم .بۇ ئەسلىمىلىك شەھەر ھىچقايسىمىزغا نىسىپ بۇلمىدى .غۇۋالاشقان گەۋدەڭ مىنى شۇنچە يالغۇز ، تەنھا ھىس قىلدۇرماقتا ، قۇلۇمنى قۇيىۋەتكەن ئاشۇ دەقىقە دەل سىنىڭ مۇھەبىبىتىمىزگە ساداقەتسىزلىك قىلغان مىنۇتلىرىڭ ۋە مەڭگۈلۈك داغ قالدۇرغان ئىزلىرىڭ ئىدى .بىر -بىرىمىزگە مىھرىمىزنى قاتالمىغان بۇ سۇغۇق شەھەر كەينىڭگە قارىما دەپ تۇۋلايدۇ ......
2017-يىلى 26-ئۈمۈت بارچۇق
مۇھەررىر: ئابدۇقەييۇمجان ئابدۇسادىرى
ئۈندىدار :2041420589
| 11 قېتىم كۆرۈلدى | رەيھانگۈل مەمەت | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2017-4-27 11:01:33 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|