ئارزۇيۇم - ئەرشىدىن مەخمۇت ئەرش

ئارزۇيۇم


 ئەرشىدىن مەخمۇت ئەرش

مەن شېئىر يازماق بوپ ئالدىم قەلەمنى.
گۈزەللىك، پەرىسى باھار ھەققىدە.
ھاياجان ئىلكىدە ئويغا پاتىمەن.
يۈرىكىم ئوينايدۇ ئىلھام ئەۋجىدە.

قەلبىمدە بىر ئارزۇ ئويغاندى شۇئان
باھارنىڭ سىماسىنى سىزسام دەيدىغان.
پاساھەت مۇجەسسەم قىلىپ شېئىرغا.
چىرايلىق گۈلدەستە تېزسام دەيدىغان.

ھەر ھەرپ ھەر سۆزۈم ھەربىر مىسرايىم.
ھۆپپىدە ئېچىلغان سەرخىل گۈل بولسا.
ھەر كۇپلېت خەلقىمنىڭ روھى ئۇرغۇتۇپ.
ھىد ئىپار تارقىتىپ كۆڭلىنى ئالسا.

ئىشقىۋاز بۇلبۇللار چاڭقلداپ سايراپ.
گۈللەرنىڭ ئىشقىدا مەسىت بولۇپ قالسا.
كۈلەتتى قاقاقلاپ دىلدىكى ئارمان.
گۈلۈمنى خەلقىمىز ياقتۇرۇپ قالسا.

     





28 قېتىم كۆرۈلدى arxidin ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-10-21 8:13:14  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ