ئۇنتالمىدىم
دىلبەر ئەخەت ، قەشقەر
بىز تۇنجى قېتىم كۆرۈشكەن چاغ ھىلىھەم ئىسىمدە ، سىنىڭ بىربىر ئەركەكلەرگە خاس سالاپىتىڭ، قاس قاس دەسسەپ مىڭىشلىرىڭ، كۆزلۈرۈمگە قاراپ مىنى بىھۇش قىلىشلىرىڭ، ئاھ ..... جىنىم مەن سىنى ئۇنتالمىدىم ، ساڭا بولغان سىغىنىشىم كۈندە يۈركۈمنى پارە پارە قىلماقتا .
ئايرىلغىنىمىزغا نەچچە ئاي بولغان بولسىمۇ، سىنى يەنىلا ئۇنتالمىدىم. سىنىڭ مىنى ئىزدىمەيدىغانلىقىڭنى بىلسەممۇ سەندىن يەنىلا ئۈمۈدىمنى ئۈزەلمىدىم . ئەزىزىم جىنىم قىسقىسى، سىنى ئۇنتۇشقا ھەقىقەتەن ئاجىزلىق قىلدىم، ساڭا تارتىشىپ سىنى ئەسلىتىپ كۈنلىرىمنى ھىجراندا ئۆتكۈزۈشكە مەجبۇر قىلغان بۇ يۈركىمدىنمۇ جاخ تويدۇم . سىنى كۈندە سىغىنىپ كۆگۈم كىلىدۇ قەيەردە بولشىڭدىن قەتئىينەزەر سىنى ئىزدەپ تىپىپ كۆزلىرىڭگە قاراپ تۇرۇپ ، بۇرۇن سنىڭ كۆڭلۈڭنى ئاياپ دىيەلمىگەن يۈرەك سۆزۈمنى، دەۋالغىم كىلىدۇ ، لىكىن سىنى چۈشۈمدىمۇ كۆرمىسەمكىن دەپ رەببىمگە دۇئا قىلىمەن .
سىنىڭ ئالدىڭدا ئاخىرقى غورۇرۇمنىمۇ ساقلاپ قالالمىدىم ، سەن ئۈچۈن ، سەندىن ئايرىلىپ قالماسلىق ئۈچۈن ساقلاپ قالالمىدىم . بىراق سەندىن يەنىلا ئايرىلىپ قالدىم سەن بىلەن تونۇشۇپلا ئەڭ قورقىدىغىنىم سەندىن ئايرىلىپ قىلىش ئىدى قورققىنىم بىشىمغا كەلدى ، بۇنىڭغىمۇ مەيلى دىدىم ، چۈنكى مەندىن ئايرىلىپ بەخىتلىك بولالىساڭ شۇ مىنىڭ بەختىم دەپ ئويلىدىم . ساڭا بولغان مۇھەببىتىمنى سىغىنىشىمنى ئىككىمىزلا بار بولغان شىرىن چۈشلىرىمنى ساڭا تەسۋىرلەپ بىرىشكە ئاجىزلىق قىلىمەن . ئائىلەڭ بار تۇرۇپ يوق دەپ ، يالغان ئىيتىپ مىنى بۇ ئوتقا سەن سۆرەپ كىردىڭ ئاخىرىدا مىنىڭ ساڭا بولغان مۇھەببىتىمنىڭ ھەقىقىي ئىكەنلىكىنى چۈشىنىپ يىتىپ مەندىن قوقتۇڭ مەندىن يوشۇرغان سىرىڭنى ئۆز ئاغزىڭ بىلەن دىيىشكە مەجبۇر بولدۇڭ . شۇ تاپتا كۆز ئالدىمدىكى ئەركەكنىڭ سەن ئىكەنلىكىڭگە ئىشەنگىم كەلمەيتتى ...
ھەي ۋىژدانسىز با تۇرۇپ يوق دەپ مىنىڭ ئالدىمدا قانچىلىك پەسلەشكىنىڭنى بىلەمسەن ھە !!! تىخى بىر دادىكەنسەن ۋاي قانداق قىلاي سەندەك نامەرد ئىتقا ئۇچۇرۇشۇپ قالغىنىمنى ... ساڭا شۇنداق ئاچچىقىم كەلدى ،شۇڭا ئايرىلغىنىمىزمۇ بىر ھىساپتا ياخشى بولدى دەپ ئويلايمەن .بىراق سىنى يەنىلا ئۇنتالمىدىم ئۇنۇتقۇم بار ئىدى تىرىشتىم بىراق يەنىلا ئۇنتالمىدىم . بىرە يەردە سىنىڭ ئىسمىڭنى ئاڭلاپ قالساممۇ ياكى سىنىڭ تىلفۇنىڭنىڭ ئاخىرقى رەقىمى 858 نى كۆرۈپ قالساممۇ سەن ئىسىمگە كىلىسەن . سىنى بۇ ئۆمرۈمدە كۆرۈشنىمۇ، ئاۋازىڭنى ئاڭلاشنىمۇ خالىمايمەن. شۇ تاپتا مەندەك قىزلانى يەنە مىنى ئالدىغاندەك ئالداۋاتقىنىڭغا شەكسىز ئىشىنىمەن. چۈنكى قان بىلەن كىرگەن خۇي جان بىلەن چىقىدۇ . پەقەت سىنىڭ ئاشۇ بىچارە ئايالىڭغا، سەبىي بالاڭغا ئىچىم ئاغرىۋاتىدۇ . سەن ئۈچۈن سىنى ھەقىقىي سۆيگەنلىكىم ئۈچۈن يەنە، سەن ئۈچۈن قەلەم تەۋرىتىۋاتقىنىمغا ئۆزۈممۇ ھەيران سىنى مەڭگۈ مەڭگۈگە ئۇنۇتسامكىن دەيمەن ، ھاياتىمدا سەندەك بىرسىنىڭ بولغنىنى پەقەتلا ئەسلىمىسەمكىن دەيمەن .
438 قېتىم كۆرۈلدى | دىلبەر ئەخەت | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2016-1-9 12:35:21 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|