زارلانما كۆڭلۈم
تۇنساگۇل ئىسمائىل
كۆڭلۈمنىڭ ئارامى بۇزۇلدى ئۆلدى،
ھەممىسى يالغانكەن ساختىلا بولدى،
ئالدىدى يۈرەكتىن چىن دىلدىن سۆيسەم،
ئىشەنسەم تاشلىدى نائۈمۈت قويدى،
يىغلىدىم يىغلىسام قانىدى يۈرەك،
ئازابىم ئالەمگە سىغمىسا كىرەك،
بوپتۇلا دىۋەتتىم ئۆزۈمنىڭ شورى،
ئاغرىنىش بىھاجەت ئۇ تەغدىر پەلەك،
قىلچىلىك ساختىلىق يوق ئىدى مەندە،
دەردىمنى بىلمەيدۇ ھېچقانداق بەندە،
كۆزۈڭگە ئىلمىدىڭ خار كۆرۈپ مىنى،
ئۇۋالىم ئۆزەمگە قالمىسۇن سەندە،
زارلانما ئۆزەڭچە بولدى قىل كۆڭلۈم،
خارلاندى چەيلەندى ئەقىدەم سۆيگۈم.
تۆت كۈنلۈك ئالەم بۇ ھەممىسى يالغان،
ھەممىگە رايىم يوق ئۆلدى يۈرۈگۈم.
ئارتۇقچە زارلىنىپ قىلمىغىن جودا،
ئالدانساڭ نىم بوپتۇ ئالدىنىش مودا.
دۇنيادا قالمىدى سۆيگۈ-مۇھەببەت،
ئالدىغان نوچىدۇر ئالدىغان لاۋدا.
2016-يىلى11-ئاينىڭ7-كۈنى(ئۈرۈمچى)
115 قېتىم كۆرۈلدى | تۇنساگۇل ئىسمائىل | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2016-11-8 23:37:57 | :يوللانغان ۋاقتى |
2016-12-12 11:46:01 | سابا0998 |
قالتىس…!قولىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن،بەك ياخشى يېزىپسىز |
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|