ئەسلىمە (شېئىر)
ئابلىكىم ئابلەت (ئەرتۈرك )
شۇ كونا توپىلىق مەھەللىلەردە ،
قالغانتى بىغۇبار شىرىن ئەسلىمە .
كۈنلىرى تىنىمسىز ئوينايتتۇق ھارماي ،
كاللىدا ئۆزگىگە يوقتى ھىچنېمە .
چىۋىقنى ئات قىلىپ مىنىشكەن ئىدۇق ،
مەھەللە كويلارنى بىر ئالغان چۇقان .
باللىلىق پەيزىنى سۈردۇق يەتكۈچە …
قۇش كەبى سامادا ئازادە ئۇچقان .
بىز باسقان چۆرگىلەپ تالاي يوللارنى ،
ئەتراپتىن كۆڭۈلگە خۇشاللىق ئىزدەپ .
ئارتۇقچە غەملەردىن خالى ئىدۇق بىز ،
ياشايىتتۇق پەقەتلا كۈلكىنى كۆزلەپ .
كەتتىغۇ كەلمەسكە شۇ گۈزەل چاغلار ،
ئەسلىمە ئىچىدە ئەسلىنەر پەقەت.
قايىتقۇم بار بىغۇبار بالىلىقىمغا ،
شۇ پىتى ياشىسام مەڭگۈ تائەبەت.
2016-يىلى 28-دىكابىر (كىچە)
| 101 قېتىم كۆرۈلدى | Ablikim | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-12-28 3:09:18 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|