تۈن نىسپى لىرىكىسى
ئەلى مۇھەممەد
سۆيۈملۈكۈم ، بەلكىم سەن شېرىن ئۇيقۇدىدۇرسەن ، لىكىن مېنىڭ كۆزۈمدە ئۇيقۇدىن ئەسەر يوق ، چۈنكى مېنىڭ يۈركىم ئاستاغىنە قوينىڭغا كىرىپ بولغاندى ، ئەنە ئۇ يۈرەك سۇقۇشىڭنى جىمجىتقىنە تىڭشاۋاتىدۇ ، ئىللىق نەپسىڭنى ھېدلاۋاتدۇ .
ئەنە ئۇ سۆزلدى : بۇ يۈرەك نىمدىگەن رىتىملىق سوققان ھە ، يۈرەك سوقۇشۇڭنىڭ ئۆزى بىر يېقىملىق سىمفونىيە .
نەپەسلىرىڭدىن كەلمەكتە قەلبىڭدىكى ئوتتەك مېھىرنىڭ ھېدى …
ئەنە ئۇ گۈزەل رۇخسارىڭغا نەزىرنى ئاغدۇرماقتا ، شۇنچىلىك تەبىئىي ، قاشلىرىڭ ئەگمە ، چاچلىرىڭ سۇمبۇل ، كىرپىكلىرىڭ ئوقيىا كەبى ، قەلبىڭگە شەپسىز كىرمەكتە ، نىمدىگەن پاك ھەم سەبى .
ئەنە شۇ كىرگەنچە ئۇ قەلبىڭدىن ئورۇن ئالدى ، ماڭا نىمە سوۋغا ئېلىپ كەپتۇ دەمسەن ؟ ئۇ ساڭا چىن سۆيگۈ ، مېھىر -مۇھەببەت
ساداقەتتىن بىر يۈرۈش سوغات ئېلىپ كەپتۇ .
نىمە ، قانچە ئۇزۇن مېھمان بولغۇدەك دەمسەن ؟ مەڭگۈلۈك ، گۈلۈم !
. بۇ يۈرەك ياشايدۇ قەلبىڭدە مەڭگۈ ، مېھىرىڭدىن ئوزۇق ئېلىپ ! قەلىب خانەڭدە بىر گۈلزرالىق بەرپا قىلدۇ ،جاي سەندىن ، ئۇرۇق ۋە پەرۋىش مەندىن ، خۇشپۇراق گۈزەل گۈللەرنى پۇرەكلىتىدۇ ، قېنى ئېيتىقىنە ، ئىشنەمسەن ؟!
| 120 قېتىم كۆرۈلدى | alijan | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-10-19 2:39:31 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|