گۈزەل ئاياللار
ئاپتۇرى:  پەرھات
بۇ ھاياتنىڭ نۇرى سىزلەر گۈزەل ئاياللار،
ھەر  ئەركەكنىڭ يارى سىزلەر گۈزەل ئاياللار .
كۆز ياش تۆكۈپ بىدار تۈندە ئۆزگە يار بىلەن ،
مىن ھەققىمگە دۇئا قىلگەن گۈزەل ئاياللار .
ئۆزى باھار كۆكتە ئايخان قاناتىمىز سىز ،
مېھرى ۋاپا تۈنلەيىدە ئەللەيىمىز سىز .
تۆت پەسىلدە قوينى باھار ئالەمگە بەخىش ،
كائىناتنىڭ جانى سىزلەر گۈزەل ئاياللار .
سىز بولمىغاچ خان سارايمۇ بەئەينى زىندان ،
سىز بولمىغاچ ئاقىللەرمۇ ئاتىلار نادان .
ھېكمەت سىرى ئەقلى بارگە بۇلارسىز ماكان ،
نۇر ھېكمەتكە قەلبى تولغان گۈزەل ئاياللار .
يىغا يەتكەن بىز لەختىلەر تۆرىلىپ نەگان ،
مېھرىڭىزگە تەلپۈنەدى پۈتۈن يەر جاھان .
 تىللەرىمىز خۇش ئاۋازدا سىز بۇلىڭ ئامان ،
ھاياتىمىزنىڭ رەڭگۇزارى گۈزەل ئاياللار.
تۈنەر دىللار ھاياتىمىز سىز بىلەن مەڭگۈ ،
رەڭ بىرەرسىز بۇ ھاياتقا يۇقۇلۇپ قايغۇ .
جۈپ تۆرەلگەن ھەر نەپسىگە بۇلۇپ قۇنالغۇ ،
ھايات رەڭدار سىز بولغاچقا گۈزەل ئاياللار .
يانار بولساق بۇ ھاياتتا  شام ۋە گۈلخان ،
تاج كەيدۈرۈپ قەيسەر يۈرەك قىلغانسىز سۇلتان .
كىتەر بولسا سىز بەختىمىز بۇلارمىز پايخان ،
كائىناتنىڭ گۈلتاجىسىز گۈزەل ئاياللار.
      
| 20 قېتىم كۆرۈلدى | پەرھات | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-6-26 13:40:30 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
| 
 تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
 
  	www.yazghuqilar.com 
  	新ICP备15002323号 
  	
    
 |