شۇ يۈرەكتە ھەممە گۇناھ
~~~نۇربىيە سىدىق (پەرىشتە) قەلىمىدىن
ئەسلىسەم مەن ئەينى چاغدا قارغۇ ئىكەن ئۇنىڭ كۆزى ،
غەيرى تۇيغۇ چىرماپ ئالغاچ ،ئىسمىڭ دائىم ئۇنىڭ سۆزى .
شۇندىن بىرى شادلىق نۇرى پارلاتمىدى ئۇنىڭ يۈزى ،
تۇمان ئىچرە يۈتتى ئاخىر ، خىيال ھەمراھ كەچ كۈندۈزى ،
ئەقىل ئاقساپ قالغان چاغدا، شۇ يۈرەكتە ھەممە گۇناھ !
زىمىستان قىش بوپ تۇيۇلدى شۇندىن بىرى ئاڭا باھار ،
ھىدلىرىڭنى ئىلىپ كەلدى ،شەيتان ئىلىپ قاچقان شامال .
كىچىك بولغاچ ھىچ جۈرئەت يوق قىلاي دىسەكۆڭۈل ئىزھار ،
ئۇنتاي دەپمۇ كۆپ تىرىشتى ،ئۇنتالمىدى يەنە زىنھار،
تۇيغۇ توختاپ قالغان چاغدا، شۇ يۈرەكتە ھەممە گۇناھ !
ئۇنۇت دىسەم ئازاپ ئىچىرە ئۇردى ئۆزىن يىغلاپ ھەريان،
سۆيەي دەپمۇ سۆيەلمەيدۇ رىئاللىقمۇ ئاڭا ئايان،
يۈرىكىمگە ئىچىم ئاغرىپ تارتتىم يىللاپ كۆپ دەرت پىغان ،
بۇ دەرتلەرنى كىمگە ئېيتاي ، كىممۇ ئاڭلار قىلسام بايان،
يۈرىكىملا ماڭا سىرداش ، بولسىمۇ گەر ئۇندا گۇناھ !
جاھىل يۈرەك ئىشىك ئاچماي تۇرىۋالدى مەرد-مەردانە ،
چىقىشلار يوق كىرىشلەردىن يوقتۇر ئەسلا نام -نىشانە ،
نە ئۈچۈن دەپ سورىسام مەن تاپالمايدۇ گەپ-باھانە ،
شۇ يۈرەكنىڭ غەلۋىسىدىن قالدىم مەنمۇ يەك -يىگانە،
ئۆچى بارمۇ يا بىلمىدىم ، مەندىمۇ يا ھەممە گۇناھ !
ئەمدى ھەممە تارىخ بۇلۇپ قالدى پەقەتلا ئەسلىمە ،
يىتەر ئەمدى ،بولدى قىلغىن ، ھەرگىز مىنى سەن قەسلىمە ،
سۈيۈپ قالماي دەپ قايتىدىن دىلدا تەشۋىش ھەم ۋەھىمە ،
ئاخىرى يوق بۇ تۇيغۇغا يازاي ئەمدى بىر خاتىمە ،
ئازاپلىما يۈرىكىمنى ، بىچارىدە نىمە گۇناھ ؟!!
2016-يىلى 27-ئۆكتەبىر
| 78 قېتىم كۆرۈلدى | parixtaaa | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-11-15 8:54:48 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|