گۈزەل كېرىيەم- يۇرتۇم كىرىيەگە بىغىشلاپ

گۈزەل كېرىيەم

 

ياسىن (كېرىيە)

 

قەدىمى يۇرت دەپ نامى بار،

 ئ‍ەزىز يۇرت گۈزەل كېرىيەم.

 سۇلىرى ساپ بەرىكەت بار،

 ئ‍انا دىيار ئ‍ۇلۇغ كېرىيەم.

 

 قىزلىرىدا ئ‍ەخلاق بار،

دىيانەتتە سېپى بار.

ساڭا مەدھى سۆزۈم بار،

 شۆھرەتلىك گۈزەل كېرىيەم.

 

ھوندىن قالغان پەرىجە،

كۈندە ھەرخىل نەتىجە.

 مەدھىلەي تا ئ‍ۆلگىچە،

 قۇچقايسەن زەپەركېرىيەم.

 

 ئ‍اش تۇزۇڭدا چوڭ بولدۇم،

 مۇقەددەس ئ‍ۇلۇغ كېرىيەم.

 شائىر بولدۇم كىشى يۇرتتا،

 تىنىمدا بار تۇزۇڭ كېرىيەم.

 

 شەنبە بازار شاللىقلىرى،

 ئ‍ەلگە قولايلىق بازارلىرى.

 ئ‍ەخلاقلىق ھەم قىزچاقلىرى،

 بەك نۇرلۇق مېنىڭ كېرىيەم.

 

 بەشتوغراق قىزىل گۈللەرى،

 تەنگە قۇۋەت گۈلقەنتلىرى.

 خۇش فۇراق گۈلچايلىرى،

 بولغايسەن ئ‍امان كېرىيەم.

 

 لەڭگەرنىڭ ئ‍ۆزۈملەرى،

 قاغىلار دەپ قوشاقى.

 ھەم تۇنۇلغان كىشمىشى،

 تۇنۇلغان گۈرەل كېرىيەم.

 

 ئ‍ويتوغراق شاپتۇللەرى،

 قىپقىزىل تاۋ غەچلەرى.

 تەبى خسلەتلىك بىر ماكان،

 ئ‍انا يۇرت گۈزەل كېرىيەم.

 

 توغرىغاز دېگەن يېزىسى،

غەيرەتلىك ھەم دېھقانلىرى.

 قۇربان تۇلۇم تاغا مەلىسى،

 ئ‍ەزىزىم گۈزەل كېرىيەم.

 

 توغرىغاز توشقان زەدىكى،

 تەننىڭ قۇۋەت دورۇسى.

خىسلىتىڭ تارالغۇسۇسى،

 بەرىكەتلىك ئ‍ۇلۇغ كېرىيەم.

 

 بەرىكەتلىك بىرماكان سەن،

 مېھىرلىك ئ‍ۇلۇغ كېرىيەم.

 ئ‍انامدەكلا ئ‍ۇلۇغ سەن،

 زىۋەرسىز گۈزەل كېرىيەم.





201 قېتىم كۆرۈلدى yasinkeriya ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-1-25 1:26:16  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ