… يېزام …
كەتكەندە يول ئېلىپ يىراق جايغا،
باقتىم تەلمۈرۈپ شۇ ھىلال ئايغا.
كۆرۈپ دېڭىزدەك كۆك ئاسماننى ،
يېزام كەلدى ئوي خىيالىمغا.
ئوخشاش بولسىمۇ سۆيگۈ دىگەن،
لىكىن ئوخشىماس يۇرت سۆيگۈسى.
بولسا ئەگەر مېھرى مۇھاببەت،
بۇلبۇل كىلىپ خەندان ئۇرغۇسى.
بەرگىن مېھرىڭنى ئانا يۇرتۇم،
سېغىنىپ سىنى كەلدىم يىراقتىن.
تاپاي سەندىن بەخىت شادلىق ،
سۆيۈپ كەلدىم سىنى ئۇزاقتىن.
دالىلار گويا يېشىل پايانداز،
يۇپۇرماقلار يېيىلىپ ياتقان.
مەنزىلىمدۇر ئۇ بەخىت بۆشۈگى،
ھەر كۆڭۈلنىڭ زوقىنى تارتقان.
بېرىپ ئاشۇ گۈزەل يېزامغا،
دەتلىرىمنى تۆكەي دالىغا.
پەرۋاز قىلسۇن ئوي خىيالىم ،
مېھرىم ئاتەش ئانا ماكانغا .
ئۆتسەم سەن بىلەن تاكى ئەبەدكە،
قوينۇڭغا ئالساڭ مىنى ئەگەردە.
تارتىپ كىتەي چوڭقۇر يىلتىز،
مەن تۇغۇلغان ئۈشبۇ مەھەلدە.
2014.4.20
«چېچەك»
49 قېتىم كۆرۈلدى | چىچەك | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2016-9-15 19:56:25 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|