ئازاپ بولدىغۇ ماڭا بۇ كېچە
گۈلنىگار مەترۇزى
ئۇزاتتىم سېنى، سۆيگەچ ياش تۆكۈپ،
ئۇزاقتىن ئۇزاق ئېڭەكلەر يېقىپ ،
شۇنچە چىدىماي ، قالمىدىم ئېلىپ ،
ئازاپ بولدىغۇ ماڭا بۇ كېچە !
گەر قىينالمىساڭ ، تەڭلىكتە جانىم ،
قويۇپ بېرەرمۇ گۈلنىگار سېنى ،
مەيلى كۈتىمەن سەن مىنىڭ بەختىم ،
ئازاپ بولدىغۇ ماڭا بۇ كېچە !
ۋەدىمىز ھەمراھ ماڭا ھەر زامان ،
كۈنلەشلەر دىلغا سالسىمۇ گۇمان ،
ئىشىنىمەن يار كېلىسەن ھامان ،
ئازاپ بولدىغۇ ماڭا بۇ كېچە !
2016-2-16كېچە
| 155 قېتىم كۆرۈلدى | nigarhan | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-2-17 3:32:21 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|