ئەتە ھېيت
شئېر
خانقىز تۇرغۇن (چەشمە )
ئالدىراشكەن بۈگۈن ھەممە ئاۋات رەستە بازارلاردا،
ئۆي-ئۆيلەردە تەييارلاپ ساڭزا قۇيماق داستىخانغا.
ھەيران بۇلۇپ قاراپ باقسام ئۈستەلدىكى كالىندارغا،
ئاپلا دېدىم ،لېۋىم چىشلەپ ئۇنتۇپتىمەن ئەتە ھېيت.
خىياللارنى باغلۋېتىپ ئەمدى تۇرۇپ قىلاي ھەركەت،
قازىنمغا ماينى قۇيۇپ مەنمۇ چىللاي ئۆيگە بەرىكەت.
ئۇلۇغ ئايدا ئۇلۇغ كۈندە مېھمان كەلسە ياغۇر ئامەت،
گۈللەر تىزاي بولۇپ تېزراق كېلىپ قالسا ئەتە ھېيت .
ئاتا-ئانا ،بالا-چاقا،نەۋرە ئەۋرە چوڭ جەمەت،
كۈلىشىدۇ ،يىغلىشىدۇ بىر بىرگە بولۇپ چۆپقەت .
ئۇنتىلىدۇ ئۆچ-ئاداۋەت،سۆزلىنىدۇ قۇت باراۋەت،
يۈزۈم كۈلەر،كۆزۈم كۈلەر،كۆڭۈل كۈلەر ئەتە ھېيت.
ئاتىسى بار ،ئانىسى بار شۈكرى دىگەي ئەتە كۈندە،
قاناتلىرى سۇنغان يىتىم سەۋىر دېسۇن كۈنى تۈندە.
نىمە دەيمىز تىرىك تۇرۇپ كۆرۈشمىگەن ئاي ھەپتىدە،
كۆرۈشىمەن مەشەرگاھتا باھانەم بار ئەتە ھېيت .
ھايات چېغى بەختىم تىلەپ سۆيەر ئىدى پىشانەمگە ،
سۆزى بولدى جېنىمغاجان ، جۇدالىقتا كۆيگىنىمدە ،
كۆندۈردىغۇ چوڭ بىلگەنلەر تىرىك تۇرۇپ ئۆلۈملۈككە ،
شىۋرلىسام سەزدۈرمەستىن ئۇۋالىىمنى قەبرىلەرگە،
باغرىم يېقىپ مۇڭ تۆكەرمەن ئاڭلاڭ ئانا ئەتە ھېيت.
قېرىندىشىم ،ئەزىز بىلىڭ ھەر ھېيتنىڭ دىدارىنى،
بىلىپ بولماس كىم ئاۋۋال تاپشۇرار ئامانەتنى،
ئاتا-ئانا قېرىنداشنىڭ بىلەلەمسز باھاسىنى ،
سز يىتلگەن ئاشۇ ئۆي ئەسلى جەننەتتۇر ئۆزى،
سېغىنمامسز بالىلقنىڭ ئىزى قالغان باغ ھويلىنى ،
سېغىنمامسز دادىڭىزنىڭ قىززىق پاراڭ كۈلكىسىنى،
سېغىنمامسز ئانىڭىزنىڭ ئىپار تىنىق ھىدىلىرىنى،
سېغىنمامسز بىر قېرىندا نۆۋەتلىشىپ ياتقانلارنى،
تۇنجى كۈنىدە چوڭ ئۆيدە مۇڭدىشايلى ئەتە ھېيت.
پەتىلەر كۆپ ھەر كۈنى ، پەقەت بىر كۈن ئەتە ھېيت .
(چەشمە ) خانقىز
2016-يىىل 9-ئاينىڭ 12-كۈنى (يەكشەنبە )
93 قېتىم كۆرۈلدى | خانقىز تۇرغۇن | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2016-9-11 19:37:12 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|