تۇنجى قار - ئابدۇراھمان ئابدۇللا

تۇنجى قار
 
ئابدۇراھمان ئابدۇللا
 
كۆڭلۈم كەبى رەڭلەنگەن دۇنيا،
ھېچكىم كەلمەس ئۆزۈمدىن باشقا.
تىۋىشسىزلا كەتسەم دۇنيادىن،
ئاھ، ئايلىنىپ  ئاپئاق تۇمانغا.
 
ئۇنتۇلۇشنى تاللىدىم شۇنداق،
كۆنەلمىگەچ سەنسىز ياشاشقا.
ئاق يول تىلەپ قالارسەن بەلكىم،
قار توزىغان چىغىر يوللاردا.
 
يالماپ كەتتى تەنھالىقىمنى،
شاپتۇللۇققا ياققان تۇنجى قار.
ئېرىپ كەتتىم  ئۇچقۇنلىرىدا،
قار گۈلىگە ئايلاندىڭمۇ يار؟





45 قېتىم كۆرۈلدى   ئابدۇراھمان ئابدۇللا ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-11-29 0:22:48  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ