سوتسىيالىزم يولىغا
تۇرغۇن راخمان (كەمتەر)
توغرا سىياسەت پەرمانى، يېتىپ كەلگەچ يۇرتۇمغا،
ئىللىپ كەتتى قەلبلەر،نۇرنى ياققاچ دىلىمغا.
تولدى دېھقان يانچۇقى،ئەجىر قىلغان پۇلىغا،
بارچە ئەللەرخوش بولدى،سوتسىيالىزم يولىغا.
زەپ چىرايلىق مەكتەپلەر،رەت-رەت سېلىپ كوچىغا،
قەدەم باستى مەكتەپكە،ئىلىم ئېلىش يولىغا.
باغۋەنلىرىمىز روھ بىلەن،كەلدى مۇنبەر قېشىغا،
سەبىيلەرنى خوش قىلىپ،ئوزۇق بەردى دىلىغا.
شۇنچە خۇشال ئىشچىلار،چىقتى سېخنىڭ بېشىغا،
ئەجىر قىلىپ مېھنەتتە،روھنى سالدى دىلىغا.
ياساپ ھەرخىل ماشىنا،تىزىىلىپ كەتتى زاۋۇتقا،
ئالدى دېھقان خوش بولۇپ،ھەيدەپ چىقتى كوچىغا.
سەيلىگاھلار قۇرۇلدى، گۈزەل دەريا بويىغا،
قېتىق-قايماق ھورنانلار، چىقتى مېھمان ئالدىغا.
تەبىي ئوغلاق گۆشىمۇ، چىقتى تورنىڭ بېشىغا،
غازلار،ئۆردەك، بېلىقمۇ، چىقتى كۆلنىڭ قىرىغا،
تاتلىق تەملىك سەيلەرمۇ، تېتىپ كەتتى ئېغىزغا.
پارتىيەنىڭ نۇرلىرى، ياقتى ئاۋام دىلىغا،
خۇشال كۈلۈپ شاتلىنىپ، سەيلەر تېرىدى بېغىغا.
كەتمەن،تىشاڭ كۆتۈرۈپ، چىقتى بۇغداي بىشىغا،
تاغارلارنى تولدۇرۇپ، قەدەم ئالدى سېتىشقا.
ھېساب-كىتاب قىلىشىپ، پۇلنى سالدى يانچۇققا،
ئوغۇت،سۇلياۋ ئويلۇشۇپ، زاكاس قىلدى زاۋۇتقا.
بالىلارنىڭ غېمىدە، پۇللار سالدى كاسىغا،
ئېشىپ قالغان پۇللارنى، خۇشال قويدى بانكىغا.
پارتىيەنى مەدىھلەپ، بىيىت توقۇدى سورۇنغا،
خۇشال بولۇپ ھەممىسى، چۈشتى ساما ئۇسۇلغا.
ئىرادىلەر باغلىدى، ئۇيۇل-تاشتەك بولۇشقا،
مەزمۇت قەدەم تاشلىدى، سوتسىيالىزم يولىغا.
220 قېتىم كۆرۈلدى | turhun | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2017-3-9 0:00:07 | :يوللانغان ۋاقتى |
2017-3-11 4:41:57 | مەمىتىمىنجان |
بەك ياخشى شىئىركەن مەن ياقتۇردۇم بەلكىم دوسلارمۇ ياقتۇردۇ |
2017-3-11 4:41:57 | مەمىتىمىنجان |
بەك ياخشى شىئىركەن مەن ياقتۇردۇم بەلكىم دوسلارمۇ ياقتۇردۇ |
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|