يۈرەك سۆزى -چىچەك كاشغەرى «مۇنىرە»

  يۈرەك سۆزى
چىچەك كاشغەرى «مۇنىرە»


ئولتۇرۇپ قالدىم خىيالغا چۆكۈپ
قەلبىمگە  تۈگمەس سۇئال ھۆكۈمران
بۇ يۈرەكنىڭ پىچىرلاشلىرى
خىياللىرىمنى قىلدىغۇ   گۇمران

سالسام   يۈرەك   سۆزىگە  قۇلاق،
تۇرغىن دىدى خىيالدى يىراق .
كەتسەڭ خىيال ئارقىدىن قوغلاپ
قالسەن ئىلىم يولىدىن يىراق.

ئىلىمگە بەرسەڭ مېھىرلىرىڭدىن،
ئېچىلار گۈللەر قەدەملىرىڭدىن
يارقىلىپ ئۆتسەڭ ئۇنى بىر ئۆمۈر
شادلىق جىلۋىنار چېھىرلىرىڭدىن

ئىلىم يولى ئەنە شۇنداق يول
ماڭغان بولماس پۇشايمانغا قۇل
ئىلىپ بىلەن نۇرلىنىپ ئەبەد
شۇنداق مەھمۇد ئەۋلادلىرى بول

چىچەك كاشغەرى

     





127 قېتىم كۆرۈلدى qiqak ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-10-13 14:57:12  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ