پۇل
يازغۇچى: ئابدۇۋارىس ئوسمان
جاھاندا پۇل قىلدى مىنى ئالدىراش ،
مەن قىلدىم تۇرمۇشۇمدا پۇلنى ئاداش .
ئاتا - ئانام يېزىدا ھايات تۇرسا ،
مەن قىلدىم شەھەرلەردە پۇلنى سىرداش.
شەھەرلەردە پۇلنى كۆپ تېپىپتىمەن ،
چىن ئەقىدە ۋەدەمنى ئۇنتۇپتىمەن .
ئاتا -ئانام جاپادا يېزىدا تۇرسا ،
پۇلنى تېپىپ ئۇلارنى ئۇنتۇپتىمەن .
پۇلدىن كەلمەس مېھرى-مۇھاببەت ،
پۇلدىن كەلمەس ئاتا -ئانا سالامەت .
شۇندا تۇرۇق ئويناپ يۈرگەن ئالامەت ،
قەلەندەلىك باستى ئەمدى كارامەت .
بارا - بارا يىراقلاشسا دوسلۇرۇم ،
سەۋەبىنى ناچار دوستۇم دەپتىمەن .
بۇرۇن ئۆتكەن كۈنلۇرۇمنى ئويلىسام ،
تۇرمۇشۇمنى ھاللىق قىلدىم دەپتىمەن .
پۇلسىز ئۆتكەن كۈنلەردە يۈلىگەننى ،
پۇلنى تېپىپ ئۇلارنى ئۇنتۇپتىمەن .
ياخشى يولغا دەۋەت قىلىپ سۈلىگەننى،
مازەك قىلىپ گەپلىرگە كۈلۇپتىمەن .
پۇلدىن ئىزدىدىم مېھرى-مۇھاببەت ،
ھېچ كەلمىدى ماڭا چىن مۇھاببەت .
تۇرۇپ ئۇيلاپ قالدىم بۇ ئىشنى ،
پۇل بىلەن كەلمەيدىكەن مۇھاببەت .
يەكۈنلىرىم كۆپ چىقتى پۇلنى تېپىپ ،
چىن دوسلۇرۇم ئاز چىقتى پۇلنى تېپىپ.
ئاتا - ئانام ئەيپىمنى يېپىپ كەلدى ،
ئاھ پۇشايماننى تاپتىم پۇلنى تېپىپ .
بىلىم كەمتۈك بولغاچ ياراشمىدى پۇل ،
مەنلا تارتاي پۇشايماننىڭ تەمىنى .
ھاياتنىڭ ۋاقتى قىس ئىبرەت ئالماي ،
تېتىپ قالماڭلار پۇشايمان تەمىنى .
2016.11.27
| 251 قېتىم كۆرۈلدى | 944382894 | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-12-5 19:48:57 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|