كىملەر (نەسىر) - ​ئابدۇقەيۇمجان ئابدۇسادىرى

كىملەر

ئابدۇقەيۇمجان ئابدۇسادىرى

 

 قەھرىتان قىشنىڭ جاندىن ئۆتكۈدەك سوغۇقلىرىدا سىز ئىسسىق ئۆيىڭىزدە ھايات پەيزىنى سۈرۈپ ياتقىنىڭىزدا ھايات يوللىرىڭىزنى تازلاۋاتقان كىملەر ؟!

سىز  ئىسسىق چاي -تاماقلاربىلەن ھۇزۇرلىنىپ ناشتا قىلۋاتقىنىڭىزدا، جاندىن ئۆتكۈدەك سوغۇق ، شىۋىرغان ، قار ئۇچقۇنلىرىنى ئوزۇق قىلۋاتقان كىملەر ؟!

سىز پۇزۇر كېيىنىپ ،« پادىشاھ قەسىرى » دىكى شۇ ھوزۇرلۇق خىزمىتىڭىزگە ماڭغىنىڭىزدا ،ئاددىيلا رەخىتتىن تىكىلگەن خىزمەت كىيىمى بىلەن، يىرتىلىپ كەتكەن شۇ پەلەيلىرى بىلەن يول ياقىسىدىكى رىشادكىلارنى سۈرتىۋاتقان كىملەر ؟!

سىز  يېغىۋاتقان قارلارغا ، يولدىكى قېتىپ مۇزلاپ كەتكەن شۇ سۇلارغا قاراپ زارلىنىپ ھاياتتىن بىزارلىق ئىستىگىنىڭىزدە، ئېرىنمەي شۇ قار - مۇزلارنى تازىلاپ سىزگە تەڭرىگە ئاق يول تىلەپ دۇئا قىلۋاتقان كىملەر؟!

سىز  ئېسىل ماشىنىڭىز بىلەن چۈشتە ئىشتىن قايتىۋېتىپ قاچانلاردىدۇر ئىچكەن ئىچىملىك بوتۇلكىسىنى ئىزلەڭگۈلۈك بىلەن دەرېزىدىن يول ئوتتۇرىغا تاشلىغىنىڭىزدا ، شۇنى ئېلىپ ئەخلەت ساندۇقىغا تاشلاۋاتقان كىملەر؟!

سىز ئىشخانىدا ، يۇمشاق ئورۇندۇق ئۈستىدە ئولتۇرۇپ ، ئويۇن ئويناپ  بىر ئاينى توشتۇرۇپ نەچچە مىڭلاپ مائاش ئېلىپ ، شۇكۈنى كەچتىلا تۈرلۈك «خانىلەر»دە يەپ ، ئىچىپ ، ئويناپ ھايات پەيزىنى سۈرگىنىڭىزدە ، ئايدا بېرىلىدىغان نەچچە يۈز يۈەن قۇتقۇزۇش پۇلىغا تەلمۈرۈپ ، باشلىقلارنىڭ ئالدىدا غال - غال تىترەپ ، ئايلىق قۇتقۇزۇش پۇلىنىڭ ئاز بىرقىسمىغا ئېرىشىپمۇ ، شۇ باشلىقىغا تۈمەن مىڭ رەھمەتلەرنى ئېيتىپ ، قار ، يامغۇر تەپتىدىن ئۆتمە تۆشۈك بولۇپ كەتكەن كەپىسىگە يۈگۈرۈپ ئاچلىقتىن ئورۇقلاپ كەتكەن بالىلىرىغا نان ئېلىپ بېرىۋاتقان كىملەر؟!

سىز مەھەللە دوقمۇشىغا قويۇلغان ئەخلەت ساندۇقىدىن چىققان سېسىق پۇراقلاردىن يىرگىنىپ ئېغىز - بۇرنىڭىزنى ئېتىپ ماڭغىنىڭىزدا ، شۇ سېسىق پۇراقلارنى يوقۇتۇش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلۋاتقان كىملەر ؟!

كېچە سىز ئېسسىق ئۆيىڭىزدە ھوزۇرلىنىپ ئۇخلىغىنىڭىزدا ، كوچا دوقمۇشلىرىدا ، دۇكان -سارايلارنىڭ لەمپىلىرى ئاستىدا غال -غال تىترەۋاتقانلار كىملەر ؟!ئۇلار دەل شۇنداق ئىشلارنى قىلىپمۇ بىزنىڭ يىرگىنىش ئوبىيكېتىمىزغا ئايلىنىپ قالغان تازىلىق ئىشچىلىرى!؟

  ئۆزىمىزنى ئۇلاردىن ئېلىپ قاچىدىغان ، «تازىلىق ئىشچىسى » دېگەن خىسلەتلىك نامنى يېرگىنىش ئىلكىدە تىلغا ئالىدىغانلار كىملەر؟!

شۇ سىز ، مەن ۋە ئۇنىڭدىن ئىبارەت « بىلىم قۇللىرى » !!!

2016-؟يىلى 12- ئاينىڭ 27- كۈنى ، ئۈرۈمچى





319 قېتىم كۆرۈلدى AHTAR ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-12-28 17:16:31  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2017-1-3 3:02:18 ئەسما ئابدۇكېرىم
بۇ نەسر ئاددىي ئەمما تولىمۇ مەنىلىك سۆز-ئىبارىلەر بىلەن بەك ياخشى يېزىلىپتۇ.ھەقىقەتەنمۇ نەسردە سۆزلەنگەن شۇ ئېسىل كىشىلىرىمىزنىڭ تۆلىگىنى نېمىدېگەن زور بەدەل ھە!؟بىراق بىزچۇ؟ شۇلار پاكىزلاپ بەرگەن مۇھىتنى قانچىلىك ئاسرىيالىدۇق،ئۇلارنىڭ ئۇلۇغلىقىنى قانچىمىز ھېس قىلالىدۇق؟
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ