ئەل قەلبىگە مايىل بول (شېئىر) - تۇرغۇن راخمان

ئەل قەلبىگە مايىل بول
تۇرغۇن راخمان (كەمتەر)

كادىر بولساڭ ئىلمىي بول، مېھىرلىك بول،خۇش كۈلۈپ،
ئەل غېمىنى يەيدىغان،پەزىلەتلىك ئوغلان بول،
سىياسەتنى قەدىرلەپ،خەلقىمىزنى يېتەكلەپ،
ئىناق جەمئىيەت قۇرۇشقا،يېتەكچى بول،رولچى بول.

خىزمەتلەردە ئادىل بول،پىرىنسىپتا چىڭ تۇرۇپ،
ئامما بىلەن ئۇيۇشۇپ،ئەل قەلبىگە مايىل بول.
باراۋەرلىك،ئىتتىپاقلىق،بايرىقىنى كۆتۈرۈپ،
ئىللىق ئىناق جەمئىيەت،قۇرۇش ئۈچۈن ھازىر بول.

دوست بۇرادەر تارتىشماي،ھەممە ئوخشاش تەڭ كۆرۈپ،
مەرىپىتنى ئويلىغىن،خۇلاسىدە ئوچۇق بول،
كەلگۈسىمىز،ئىزىمىز،مېھىرلىك بول،كۆيۈنۈپ،
بالىلاردۇر بارىمىز،تەربىيلەشكە ماھىر بول.

ئۇچۇپ كىرىپ قەلبىگە،دەستە-دەستە گۈل تىزىپ،
ئوقۇتۇشقا راست چوكۆپ،شەرەپلەرگە نائىل بول،
توغرا يولنى كۆرسىتىپ،ئىلىم-پەننى ئۆگىتىپ،
مەرىپەتنىڭ يولىدا،ئېقىپ تۇرغان بۇلاق بول.
     





130 قېتىم كۆرۈلدى تۇرغۇن راخمان (كەمتەر ) ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-3-30 10:29:01  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ