ئاۋازىڭلار بارمۇ ھېي
ئەپچىلەم
كېلىڭلار تەڭ توۋلايلى ياڭراپ كەتسۇن بۇ سادا،
ھەم قوشۇشقا بىر شۇئار ئاۋازىڭلار بارمۇ ھېي.
بۇ ھاياتلىق يولىدا ياڭرىتايلى بىز ناۋا،
شۇ كۈيگە بىز ئىنتىزار… ئاۋازىڭلار بارمۇ ھېي.
ئوڭ قول قىلغان ياخشىلىق سول قوللارغا پىنھانمۇ،
مىننەتسىزلىك ئەجرىدە كۆكلەپ تۇرغاي ئىنسانمۇ.
سوراپ قالسا ياردەملەر،بىراۋ ھەتتا شەيتانمۇ،
سۆز ئېچىشقا،دەپ-مەن بار،ئاۋازىڭلار بارمۇ ھېي.
ۋاپا يوقكەن قىزلاردا بەزەنلەرنىڭ سۆزىچە،
نامدا تېخى ئەركەككەن سۆزلىگەنلەر ئۆزىچە.
دېيىشمەمسىز بىر قىزغا غەيۋەت قىلىپ يۈرگىچە،
-ئىشتىنىڭىز ئەجەپ تار…ئاۋازىڭلار بارمۇ ھېي.
بوزەك ئەتسە بىرسىنى سۈكۈت بىلەن جىم قاراش،
يانچۇقىمىز بىراۋنىڭ بولۇپ قالدۇق بىز ياۋاش.
تۇنجۇقۇشلار بىھاجەت پەقەتلا بىر ۋارقىراش،
خوپ كېلەتتى بەكمۇ كار…ئاۋازىڭلار بارمۇ ھېي.
ئىللەت ئەسلى بولاتتى،قاراپ باقساق شەخىستە،
مىللىتىمگە يۈكلەندى يامان ئىللەت رەۋىشتە.
شەيتانلارنى كۆرىمىز ،بىر بۇلۇڭدا پەرىشتە،
مەدھىيلەشتە سېلىپ جار…ئاۋازىڭلار بارمۇ ھېي.
غەمسىزلەر يوق جاھاندا ئۆزى بىلەر غېمىنى،
ھالال تەردە يېگەنلەر كۆپتۇر بۇردا نېنىنى.
چېقىش ئۈچۈن تىرىشىپ يوقسۇزلۇقنىڭ تېمىنى،
ناتىۋانلار بولسا خار،ئاۋازىڭلار بارمۇ ھېي،
ئاۋازىڭلار بارمۇ ھېي،خىتاپ ئەمەس ئويغىتىش،
خىيال ئەمەس،ھاياتلىق سەپىرىدە ئويلىتىش.
ئۈمىدسىزنىڭ قەلبىگە سالسا بىرەر قوزغىتىش،
شۇدۇر ماڭا ئىپتىخار…ئاۋازىڭلار بارمۇ ھېي.
مەنبەسى :ئەپچىلەم…743073009
190 قېتىم كۆرۈلدى | epqilam | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2016-12-20 16:38:20 | :يوللانغان ۋاقتى |
2016-12-24 15:09:13 | نۇرمۇھەممەت .مۇسا |
👍👍👍ھەقىقەتەن ئىسىل يېزىلغان مەزمۇن ئىكەن .بارىكاللا ! |
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|