بېغىشلاش

بېغىشلاش

 

قارا ھىجران يازمىسى

 

 قىسمەتكە باي ئالەم قوينىدا،

 يىغلاپ قالار بەزىدە ئىنسان.

 غەمكىنلىكنى شاتلىققا ئۇلاپ،

 ياشاش ئۈچۈن تىرمىشار ھەر جان.

 

يىغلىساڭ گەر باغرىمغا ياش تۆك،

 يۈرىكىمگە يامغۇرۇڭ ياغسۇن.

 مىھرىم بىلەن سۆيۈپ قۇرۇتاي،

بەختىم سىنىڭ مىھرىڭگە قانسۇن.

 

 كۈلسەڭ جانىم يېنىڭدا مەن بار،

 لىۋىڭدىكى پايانسىز مىھرىم.

 سىنىڭ ئۈچۈن بارلىقىم پىدا،

تۇراي مەڭگۈ قولۇڭدا جېنىم.





137 قېتىم كۆرۈلدى قارا ھىجران ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-12-10 15:53:48  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2015-12-16 21:06:55 يىگچى
ياخشى يېزىپسىز !! سۈينۈپ ئۇقۇدۇم ،، مەنمۇ ھەۋەسكار 1666273165 بۇ ئۈندىدارىم پىكىرلىشىپ تۇرايلى
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ