تەنھا كىچە - قىزىل تۇمان

تەنھا كىچە 

قىزىل تۇمان 


 ئاڭلانماس يىراقتىن كۈلكە ئاۋازى،
كۆرۈنمەس ئاسماندا ئاينىڭ يورۇقى.
قاپقاراڭغۇ جىمجىت، سۈرلۈك بۇ كېچە،
ھۇجرامدا ئۆچمىدى چىراغ نۇرى.

ئولتۇردۇم مەن تەنھا ياستۇق قۇچاقلاپ،
شۇنچىلىك سېغىندىم مەن سېنى جانان.
سېزىمەن ئۆزۈمنى بۇ كېچىدە يالغۇز،
ئۇيقۇسىز ئۆتىدۇ بۇ كېچە ھامان.

كىملەردۇر كەتكەندۇ شېرىن ئۇيقۇغا،
كىملەردۇر ھۇجرىدا تەنھا يىغلار .
كىمنىڭدۇر ئېسىگە كېلىپ مەشۇقى،
ئۇيقۇسىز ئۆتىدۇ ئۇزۇن كېچىلەر.

ئاپتور ئاقسۇ بايدىن، قىزىل تۇمان
ئۈندىدار نومۇرى: 15292532364
2016-يىلى11-دېكابىر
     





54 قېتىم كۆرۈلدى kiziltuman ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-12-11 9:14:11  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ