ئوغلۇم سىماسى
ياسىنجان رۇزى
www.yazghuqilar.com
ئوغلۇمنىڭ سىماسى كۆز ئالدىمدىلا ،
ئۇيقۇ يوق كۈزۈمدە قارايمەن ئاڭا .
نۇر چاچار چىھرىدىن كۆكتىكى ئايدەك ،
سېغىنغان قەلبىمگە مەلھەم بوپ گويا .
شۇقەدەر مىھىرلىك شۇقەدەر تاتلىق ،
تۇتاشتۇر كۈلكىسى روھ ۋە جىسمىمغا .
كۆيدۈرەر تىنىمنى مىسالى شامدەك ،
ئوت يېقىپ چاڭقىغان تۇيغۇلىرىمغا .
ئوغلۇمنىڭ سىماسى كۆز ئالدىمدىلا ،
باسقۇم بار شۇنچىلىك ئۇنى باغرىمغا .
ۋەلېكىن بېسىشقا پېتىنالمايمەن،
باسساملا قالىمەن كىچىدەك تەنھا …
ئاپتۇر:خېجىڭ ناھىيسىدىن
| 51 قېتىم كۆرۈلدى | ياسىنجان رۇزى | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-10-29 1:20:08 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|