ئۆمۇر تەشۋىشى

(شىئىر)

 

 قۇيۇلىدۇ چىلەكلەپ سۇئال،

ۋۇجۇدۇمدا قۇترايدۇ بوران.

 ئاۋارىمەن يىغىپ بولالماي،

 خىياللىرىم ئۇچار ھەر تامان.

 

 نەلەرگىدۇر باشلايدۇ پۇتۇم،

 ئەگىشىمەن دەلدۇش سىياقتا.

 ئىزلىرىمدىن توزۇپ ئاق توزان،

 رەڭ بىرىپتۇ چىچىمغا ئاستا.

 

 ئىسىت كىرمەي بىرتال مىۋىگە،

 خازان بوپتۇ ئۆمۇر دەرىخىم.

ۋۇجۇدۇمدا قورقۇنۇچلۇق غەم…

 نۇرغۇن ئىدى ھاياتقا قەرزىم.





178 قېتىم كۆرۈلدى ئەسقەر باتۇر ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-7-30 23:55:06  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ