كەچۈر نىگار (نەسىر)
خ...ئەيسا سابا
ئاجايىپ بىر پاراكەندىچىلىك ئىچىدە يۈرۈگۈمنىڭ چۇقانلىرىنى يېزىپ چىقماقتىمەن.سەن گويا قەلبىمنى ئاستىن ئۈستۈن قىلۋەتكەن بولساڭمۇ،يۈرۈگۈمنى پارە-پارە قىلۋەتكەن بولساڭمۇ ،سۆيۈپ تۇرۇپ ۋاز كېچىشنى ئويلىغان بولساڭمۇ ...مۇنداق كېتىشىڭگە چىدىمىدىم،ھەم چىدىمايتىم..
كەچۈر ...نىگار...كەچۈر.
سەۋەنلىك مەندىن ئۆتتى،خاتالىق سادىر قىلغىنىم ئۈچۈن،ئاچچىق بىر ئازاپ ئىچىدە قوقاس بولۇپ كۆيمەكتىمەن...ئۇزۇن كېچىلەر ئۇخلىيالمايمەن،خىيالىمنى ئەسىر قىلۋالغان ئۆزۈڭدۇرسەن،
كەچۈر ..نىگار..كەچۈرگىن.
جىمجىت كېچە،كۆزلىرىمدە لىق ياش،بۇ ئازاپ يېشى ئىدى،بۇ ياش شۇنچىلىك ئاچچىق ئىدىكى،كۆزنىلا ئەمەس،يۈرەكنى،ۋۇجۇدۇمنى،ئېچىشتۇراتتى،
تامغا سۆزلەيمەن،تامغا ئىلتىجا قىلىمەن،لىكىن ئازابىم يەڭگىللەپ قالمايتى...
ئازاپنى يەڭگىللىتىپ يوق قىلالايدىغان قۇدرەت سەندىلا بار ئىدى..پەقەت سەنلا يوق قىلالايتىڭ ئەزىزىم.
كەچۈرگىن،كەچۈرۋەتكىن...نىگار.
نەلەردە،
قايسى شەھەرلەردە،
غېرىنپىسىنىپ ياشىشىم ئاسانمۇ،بۇ ھىجراندىن قۇتۇلدۇرغىن،
سۆيگۈنى ئازابىڭ بىلەن ئەمەس،سۆيگۈ شاتلىقىڭ بىلەن بېزىگىن،،،،كەچۈرگىن نىگار،كەچۈرگىن گۈلۈم....
خ....ئەيسا سابا،15299448524
117 قېتىم كۆرۈلدى | خ...ئەيسا سابا | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2017-3-7 13:22:31 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|