ئېلىم توغرىسىدىكى رۇبائىلار - دىليار رەخمەتجان ئىز

ئېلىم توغرىسىدىكى رۇبائىلار 

 دىليار رەخمەتجان ئىز


 بىلىم بىلدى ئىنسان زورايدى شۇئان،
قىلماققا ھەر ئىشنى بار بولدى ئىمكان.
ئىلىمنى خار ئەيلەپ چەيلىگەن ئىنسان،
ھاياتلىق ئۆمرىدە بىچارە ھامان.

بىلىملىك ئاقىللار ئەل ئىچىرە گۆھەر،
بىلىمسىز،غاپىللار ئەل ئۈچۈن زەھەر.
گۈل ئۈنەر بىلىملىك ئىزىدىن ھامان،
بىلىمسىز ناداندۇر بىلگەنگە قەدەر.

جىمىكى مەۋجۇدات تۇرۇپ بەھەيۋەت،
بىلىملىك ئىنسانغا بىلدۈرەر ھۆرمەت.
يېتەلمەس قىممەتتە ھىچبىرى زىنھار،
شۇسەۋەپ تەڭرىمۇ بىلدۈرۈر شەپقەت.

ئىلىم بولدى ماڭا ئەبەدى ئۇز يار،
شول سەۋەپ خورلۇقنى كۆرمىدىم زىنھار.
ئىلىمسىز ھاياتىم دوزاختۇر ، دوزاخ،
يۈرىكىم تىرنىلار، يولۇم بولۇر تار.

ئېلىمنى قالدۇرغىن ئەۋلادقا ئەبەد،
مىھنەتسىز مال-دۇنيا ئەسقاتماس پەقەت.
قالدۇرغىن ھايانى،پاكلىقنى ۋە ھەم،
شۇندىلا ئۆزۈڭگە خوپ ئىرۇر قەۋەت.

بىلىملىك ئەر بولۇر يۇرتنىڭ سەركىسى،
ئىتائەت بىلدۈرەر ئاڭا ھەر كىشى.
تامام ئىل يۇرتنى سەل باسسىمۇ بىراق،
شۇ ھامان باستۇرار ئۇنىڭ《نەرىسى》.

     





41 قېتىم كۆرۈلدى دىليار رەخمەتجان ئىز ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-10-5 15:04:38  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ